قەتئىي بوشاشمىغان لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى 52865 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-06-01
来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل جۇڭگو لاتارىيە بازىرىدىكى بىر چولپان بولۇپ كەلمەكتە، چە كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. قاغىلىق ناھىيەسىدىكى جاڭ ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) دەل 3D ئويۇنى ھەۋەسكارى بولۇپ، ئۇنىڭ 3D ئويۇنى بىلەن ئۇچراشقىنىغا بەش ئالتە يىل بولغان ئىدى، جاڭ ئەپەندىنىڭ 3D ئويۇنى ئويناشتا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار بۇلۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكنى يىغىنچاقلىغاندا «چىڭ تۇرۇش» تىن ئىبارەت ئىدى.

5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى كەچقۇرۇن، جاڭ ئەپەندى ئالدىراپ ـ تېنەپ قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 65310127 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئىشىكتىن كىرىپلا مال ساتقۇچىدىن:«3D ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىلىپ بولدىمۇ؟»-دەپ سورىدى، «ياق، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ نومۇر تاللاڭ!»ـــ دەپ جاۋاب بەردى مال ساتقۇچى. جاڭ ئەپەندى بىر تەرەپتىن ھاسىراپ، بىر تەرەپتىن 3D ئويۇنى نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆزىتىپ، بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، ساتقۇچىغا:«يەنىلا بۇرۇنقىدەك، < 256> نى تاللاي، 50 دو يەككە تاللاشقا 5 دو گۇرۇپپىلاپ تاللاشنى قۇشاي، مېنىڭ بۈگۈنكى ئىلھامىم يامان ئەمەس!»-دېدى.

شۇ كۈنى كەچتە، جاڭ ئەپەندى يەنە بىر قېتىم 65310127 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، مال ساتقۇچىغا خۇشال ھالدا:«ماڭا مۇكاپات چىقىپتۇ! بايا توردىكى ئۇچۇرنى كۆردۈم، بۈگۈن 3D ئويۇنى مۇكاپات نومۇرى راستىنلا 256 ئىكەن، ماڭا كاتتا مۇكاپات چىقىپتۇ!»-دېدى، مال ساتقۇچى جاڭ ئەپەندىنىڭ لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئېلىپ تەكشۈردى، جاپا ئەپەندى ھەقىقەتەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 52865 يۈەن!

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى ئىنتايىن خۇشال ھالدا، « 256» دېگەن بۇ نومۇرنى بىر ئايدىن ئارتۇق ساقلىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قەتئىي بوشاشماي، ئاخىرى تەلەيلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(قەشقەر ياۋتىڭ)

图片1.jpg