لاتارىيەچى: پۇل لازىم بولغاندا لاتارىيەدىن كاتتا مۇكاپات چىقتى

ئەلكۈيى تورى
2022-05-30
来源:ئەلكۈيى تورى


كونىلاردا:«ئامەت كەلسە ھەقىقەتەن توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ!»-دېگەن گەپ بار، 2022 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى سانجى شەھىرىدىكى سەيمىن ۋاڭ ئەپەندى ئۈچۈن ئېيتقاندا، كاتتا ئامەت كەلگەن كۈن دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ بىر دو 3D ئويۇنى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى سەيلە قىلىۋاتقاندا ئەتىرگۈل باغچىسى ئەتراپىدىكى 65230171 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، شۇ كۈندىكى 3D لاتارىيە بېلىتىنى تېخى سېتىۋالمىغانلىقىنى ئويلاپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ، نومۇرلارنىڭ تارقىلىش خەرىتىسى يېنىدا 3D ئويۇنى مۇكاپات نومۇرىنى تەتقىق قىلدى. شۇ كۈنى نۇقتىلىق دىققەت قىلىنغان قىممەت 9 بولۇپ، ۋاڭ ئەپەندى بۇ نومۇرغا قارىغانسېرى ياخشىدەك ھىس قىلدى، بىر نەچچە دو تىكىپ تەلەي سىناپ باقماقچى بولدى، ئىشەنچىسى تولۇپ تاشقان ۋاڭ ئەپەندى قىممىتى 9 غا بەش ھەسسە يەككە تاللاش بويىچە دو تىكتى، بېلەت چىقىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇ بەش ھەسسىنى ئازدەك ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە بەش ھەسسە قوشۇپ دو تىكتى.

شۇ كۈنى كەچتە، 3D ئويۇنى 2022125-قارار مۇكاپات نومۇرى «090» بولۇپ، ۋاڭ ئەپەندى بىراقلا 10400 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مۇكاپات نومۇرى كۆرگەن مال ساتقۇچى دەرھال ۋاڭ ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئېيتتى، ۋاڭ ئەپەندى ۆزىگە 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مۇكاپات چىققانلىقىنى ئاڭلاپ، ھەيران قالدى ۋە مال ساتقۇچىنى چاقچاق قىلىۋاتقانمىدۇ دەپ ئويلىدى، ۋە شۇ ھامان يان تېلېفون ئارقىلىق سانجى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ئۈندىدار سالونىغا كىرىپ، شۇ قاراردىكى 3D مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈردى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، شۇ كۈنى كەچتە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى.

مۇكاپات ئالغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا: ـــ بۇمۇ بەك ئۇدۇل كېلىپ قالدى، پۇل لازىم بولغاندا لاتارىيەدىن كاتتا مۇكاپات چىقتى، بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن!»-دېدى، ئەسلىدە، بۇ يىل ۋاڭ ئەپەندى بىر كىچىك ماشىنا سېتىۋېلىشنى پىلانلىغانىدى، لېكىن يەنە 10 مىڭ يۈەن كەملەپ قالغان، ئۇ ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىدىن قەرز ئېلىشتىن خىجىل بولۇپ، بۇ پۇلنى ئاستا ـ ئاستا يىغماقچى بولغان ئىدى، ئەڭ كېچىككەندىمۇ يىل ئاخىرىدا ئاپتوموبىل سېتىۋالالايتتى. ئەمدى ياخشى بولدى، مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ۋاڭ ئەپەندىم مۇددەتتىن بۇرۇن ماشىنا سېتىۋالسا بولىدۇ.

(سانجى لىنفېڭ)