يىڭى بىلەت تۈرى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى

ئەلكۈيى تورى
2022-05-27
来源:ئەلكۈيى تورى

«جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتى ھەم «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت - سايرام كۆلى» باش تېمىسىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى شىنجاڭ بورتالا ئوبلاستىنىڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى

5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتى ھەم «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت - سايرام كۆلى» باش تېمىسىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس سۈن خۇڭمېي مۇراسىمغا قاتناشتى، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى ئەننىڭ سىن سۆزى قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ لېي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ جىجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر خوۋ خەنمىن ھەم ئاپتونوم ئوبلاست، شۆبە ھەربىي رايون ۋە 5 ـ شى شۇاڭخې شەھىرىنىڭ رەھبەرلىرى مۇراسىمغا قاتناشتى. ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بايىنقىش مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

سائەت 12 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس سۈن خۇڭمېي 2022 ـ يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەننىڭ تەبرىك سۆزىدە «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت-سايرام كۆلى» باش تېمىسىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ رەسمىي تارقىتىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پاراۋانلىق لاتارىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ئالاقىدار تارماقلار، مېھرىبان زاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ھەم شىنجاڭنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىسىم كارتىسىنى ياخشى ئېتىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلدى.

جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى ئەننىڭ سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى


ۋاڭ جىجۈن سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت - سايرام كۆلى» باش تېمىسىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،«شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» قۇرۇلۇشى ۋە «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن مەدەنىيەت ـ ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. بۇ لاتارىيە بېلىتى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ سايرام كۆلىنى چۈشىنىدىغانلىقىغا، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ گۈزەل بورتالا ئوبلاستىغا تەلپۈنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز! «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت ـ سايرام كۆلى» نىڭ بازارغا سېلىپ تارقىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى خىزمىتىدە تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە كۆپچىلىك پاراۋانلىقى خەير ـ ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ جىجۈن سۆز قىلدى


تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم كۈنى، «ئون مىڭ يىلدىن بۇيانقى مەڭگۈلۈك كۆك رەڭ» سايرام كۆلىدە كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىلدى، قىسمەن ياشانغانلار، ھەربىيلەر توي مۇراسىمى، يېڭى توي قىلغان ئەر ـ خوتۇن ۋەكىللىرى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ پاراۋانلىق ئىئانىسى ئاستىدا، سايرام كۆلىدە سەيلە قىلىپ، توي كۆينىكى كىيىشتەك گۈزەل ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى. گۈزەل سايرام كۆلىدە، «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت - سايرام كۆلى» ئۇلارنىڭ گۈزەل مۇھەببىتىگە گۇۋاھ بولدى.

«يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت سايرام كۆلى» ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە شاھىت بولدى


تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نەق مەيداندىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى سىناق رايونى قىزىپ كەتتى، كىشىلەر پائال قاتنىشىپ، بەسەستە لاتارىيە سېتىۋېلىپ، « يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت - سايرام كۆلى» باش تېمىسىدىكى لاتارىيە بىلىتى بازارغا سېلىنغان تۇنجى كۈنىلا ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلىدى، چۈنكى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالغاندا مېھىرەپقەت يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بار.

لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالغۇچىلار تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى سىناپ بېقىش رايونىدا لاتارىيە بىلىتى قىرماقتا.


(پاراۋانلىق لاتارىيەسى تەشۋىقاتى)