شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جاي ساياھەت ئېتىبار سىياسىتىنى ئېلان قىلدى

ئەلكۈيى تورى
2022-06-11
来源:تىيانشان تورى

6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسىدا بېلەت كەچۈرۈم قىلىش، باھادا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ساياھەت ئېتىبار تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلىرىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەق ئېلىنىدىغان مەنزىرە رايونلىرىنى ۋاقىت بۆلىكى، كىشىلەر توپىغا بۆلۈپ ئىشىك بېلىتى ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا ھەم تۈرلۈك باش تېمىلىق بايرام-تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشقا ئىلھام بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەرقايسى جايلار بەس-بەستە ئاۋاز قوشتى.

6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى بارلىق A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىدە %20 ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويدى. ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى قاتارلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا ئىناۋەتلىك ئىسپاتقا ئاساسەن ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

تۇرپان شەھىرى «شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ئىشىك بېلىتى باھاسىدا ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى. 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، تۇرپان شەھىرى ئاھالىلىرى شۇ جاينىڭ ئىناۋەتلىك كىملىكى ياكى نوپۇس دەپتىرى بىلەن بۇيلۇق مەنزىرە رايونى، يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى قاتارلىق پۈتۈن شەھەردىكى A دەرىجىلىك 36 مەنزىرە رايونىدا بېلەت كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ پۈتۈن شىنجاڭدىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭ ئىچىدىكى ئىناۋەتلىك كىملىكى ياكى نوپۇس دەپتىرى بىلەن بېلەت باھاسىدا %50 ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

بۈگۈندىن باشلاپ 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، قورغاس ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر ئىناۋەتلىك كىملىكى بىلەن تۈكە قۇملۇق مەنزىرە رايونى قاتارلىق يەتتە مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش ياكى يېرىم باھادا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئالتاي ۋىلايىتى يەنە مېھمانسارايلاردا ئېتىبار بېرىش، ساياھەت كوپىراتىپلىرى تەتقىقات، ئوقۇتۇش، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىقلارنى يولغا قويدى؛ 2022-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك ئېتىبارلار يولغا قويۇلدى، ئوقۇغۇچىلار شۇ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىپ، ئايرىم مەنزىرە رايونلىرىدىن باشقا بارلىق A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئالتاي-قۇم كەنتىنى كېسىپ ئۆتۈش بىر كۈنلۈك ساياھەت مەھسۇلاتىدا %20 ئېتىبار قىلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قاتارلىق ئۈچ چوڭ قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ سەيلە قىلىش ئاسما ۋاگونى بېلىتىگە ئېرىشىدۇ.

قومۇل شەھىرى خېنەن ئۆلكىسىگە قارىتا مەخسۇس ئېتىبارنى يولغا قويغان بولۇپ، ئىستېمالچىلار جېڭجوۋ شەھىرى مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ «قومۇل ناملىق» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تەشۋىقات-تونۇشتۇرۇش مەخسۇس مېتروسىدا، كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق زاكاز چۈشۈرۈپ شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلسە، قومۇلنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالسا، ئوخشاش بولمىغان سوممىدىكى مېترو قىممەت تولۇقلاش كارتىسى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.