مەمەت «ئون ھەسسە ئامەت» ئويۇنىدا 400000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-05-25
来源:ئەلكۈيى تورى

ئاز ئۇچرايدىغان ئارام ئېلىش پۇرسىتى كەلگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر خۇشاللىق تېپىشنى تاللايدۇ. غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر يىگىت مەمەتۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئارام ئېلىش پۇرسىتى كەلگەندە ئۆيىدە دەم ئېلىشنى ۋە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئارقىلىق خۇشاللىققا ئېرىشىشنى تاللىدى، ئويلىمىغان يەردىن كاتتا خۇشاللىققا ئېرىشتى، يەنى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى «ئون ھەسسە ئامەت» بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 400000 يۈەن بولدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەمەتنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقانلىقىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇپ، لاتارىيە ئويۇنىنىڭ ھەر خىل ئويۇنلىرىغا پىششىق بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق مەستانىسى ئىكەن. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل تۈردە ئەقلىي دو تىكىشتە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن، ھەر قېتىملىق خىراجەت كۆپ ئەمەس، ئاساسەن 30 يۈەن ئەتراپىدا بۇلۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى نۇرغۇن ئويۇنلار ئىچىدە ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى تۈرى كۆپ بولغان، قىرىپلا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى بۇلىدىغان «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى. ئۇ بوش ۋاقىتلىرىدا «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى سېتىش تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىدە پارچە ـ پۇرات بېلەتلەرنى سېتىۋالىدۇ، بەزىدە ئارقا نۇمۇر قوغلىشىپ بىلەت سېتىۋالىدۇ.

5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەمەت دەم ئالغان بۇلۇپ، ئۇ ئۆيىدە بىر كۈن ئارام ئېلىپ كەچلىك تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئادەت بويىچە يەنە ئۆيىگە ناھايىتى يېقىن بولغان غۇلجا شەھىرى شىنخۇا غەربىي يولى 13-كوچا ئېغىزىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە بىلىتى سېتىش تور نۇقتىسىغا كەلدى، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى كۆرگەزمە قۇتىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، پارچەۇرات بېلەتلەر ئىچىدە ئون يۈەنلىك بىر نەچچە «ئون ھەسسە ئامەت» نىڭ بارلىقىنى كۆردى، بۇ بېلەتنى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كەلگەن ئۇ گەپ قىلمايلا لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ قىرىپ كەتتى، لاتارىيە بىلىتىنى قىرىپ ئۈچىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىگە كەلگەندە، ئويلىمىغان يەردىن 400000 يۈەن مۇكاپات چىقتى!

مۇكاپات پۇلى ئالغان مەمەت خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى:«ئەينى چاغدا بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدىم، لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقان بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان بۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، بىردىنلا بۇنداق كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، ناھايىتى ھاياجانلىنىۋاتىمەن، ھى ـ ھى! »-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)