غۇلجا شەھىرىدىكى ما بوۋاي 5000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-05-24
来源:ئەلكۈيى تورى

غۇلجا شەھىرىدىكى ما بوۋايۆزگەرتىلگەن ئىسىم) گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن روھى كۆتۈرەڭگۈ، ئادەتتە بىكار ۋاقىتتا سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بىر چوڭ قىزىقىشى بولسا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. ما بوۋاي «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىنىڭ بېلەت تۈرىدىن قۇسۇر تاپمايدۇ، نېمە بولسا شۇنى ئالىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردىمەن دەل لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىش جەريانىدىكى خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىمەن.»-دېدى.

5 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، ما بوۋاي سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ يۈرگەندە، قەدىناس دوستى بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغانلىقىنى ئويلاپ، غۇلجا شەھىرىدىكى 65410132 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى. بىر نەچچە كونا لاتارىيەچى دوستلارنىڭ لاتارىيە ئويناش بىلەن ئالدىراش ياكى نومۇرنى تەھلىل قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ سىناپ باقماقچى بولدى. ما بوۋاي قىممىتى 10 يۈەنلىك «گۈلدەك ئېچىلغان جۇڭگو ئارزۇسى» نامىلق لاتارىيە بىلىتىنى تاللىدى، لاتارىيەنىڭ قاپلاش پەردىسىنىڭ قىرىلىشىغا ئەگىشىپ، « 5000 يۈەن» دېگەن مۇكاپات بەلگىسى لاتارىيە بىلىتى يۈزىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. ما بوۋاي كۆزۈم تورلىشىپ قالدىمۇ قانداق دەپ ئويلاپ، يەنە بىر قېتىم سىنچىلاپ قارىدى، ما بوۋاي ھەقىقەتەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.

ما بوۋاي مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى:«مېنىڭ يېڭىدىن سېتىۋالغۇدەك نەرسەم يوق، بۇ قېتىم ئىشقىلىپ مول ھوسۇل ئالدىم، مۇكاپاتنى ئايالىمغا ئۆي ئىچىدە ئىشلىتىشكە بېرىمەن-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)