تېسلا ئاپتوموبىللىرى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى

2022-06-10
来源:

يېقىندا، ئالاقىدار يوللاردىن ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا NHTSA (دۆلەت تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى) 830 مىڭ دانە تېسلا ئاپتوموبىلىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى Autopilot سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، NHTSA بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى قۇرۇلۇش ئانالىزىغا ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇ مەجبۇرىي يىغىۋېلىشتىن بۇرۇنقى زۆرۈر باسقۇچ ئىكەن.



ئىگىلىنىشىچە، بۇ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا NHTSAنىڭ تېسلانى 4-قېتىم رەسمىي تەكشۈرۈشى بولۇپ، 2016-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئامېرىكا NHTSA ئاز دېگەندە 33 قېتىم تېسلا Autopilot سىستېمىسىغا چېتىلىدىغان كاشىلا ۋەقەسىنى تەكشۈرگەن، چېتىشلىق ھادىسىدە جەمئىي 11 ئادەم قازا قىلغان.



2021-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە ئىشلەپچىقىرىلغان تېسلا ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىدە «خاتا تورمۇزلاش» مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز تورمۇزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئەرز-شىكايەت سانى 2-ئايدىكى 354 قېتىمدىن 758 قېتىمغا ئۆرلىگەن. بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكا NHTSA تېسلادىن 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، بولمىسا 115 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 770 مىليون يۈەن) جەرىمانە قويۇلىدىكەن.



ئامېرىكا NHTSAنىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشىگە تەخمىنەن 416 مىڭ دانە Model 3 ۋە Model Y قاتناشقان بولۇپ، ئومۇمىي تەكشۈرۈش سانىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلىگەن، بۇ ئىككىسى تېسلانىڭ ئەڭ بازارلىق مەھسۇلاتى بولۇپ، نۆۋەتتە يۇقىرىقى «خاتا تورمۇزلاش» مەسىلىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلا ياكى ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.



ئامېرىكا NHTSA ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە چېتىلىدىغان تېسلا ئاپتوموبىللىرى يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن تورمۇزلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەرز قىلىش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇيۇقسىز سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ۋە تورمۇزلاشتا ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بولمىغان ئەھۋالدا يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قېتىم ھەيدىگەندە تەكرار يۈز بېرىدىكەن، ئاپتوموبىل ئىگىسى بۇ سەۋەبلىك يۇقىرى سۈرئەتتە سوڭدىشىش ھادىسىسى يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.