ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا ئائىت بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى

2022-06-10
来源:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى «ئاپتونوم رايوننىڭ گوۋۇيۈەن تارقاتقان〔2022〕12 - نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئائىت بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلىرى»نى ئېلان قىلىپ، توققۇز جەھەتتىن 46 تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا، پۈتۈن يىلدا غەلىبىلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولدى.

بىرىنچى، مالىيە - باج. قوشۇلما قىممەت بېجىدىن توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج قايتۇرۇش سىياسىتىنىڭ سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلىپ، مالىيە چىقىمى سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، مەخسۇس زايوم تارقىتىش، ئىشلىتىش سۈرئىتى تېزلىتىلىپ ھەم قوللاش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى ھەققى مۇكاپات - ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىپ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېڭەيتىلىدۇ.

ئىككىنچى، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە مۇھىم، زور تۈرلەرنى قوللاش. ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەر، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى قەرز پۇلى ھەم يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ ۋە ئىستېمال قەرز پۇلى قاتارلىقلارغا قارىتا دىرى ۋە ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىلىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قەرز پۇلىنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىپ، ئەمەلىي قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىتىلىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇنۇپ، كاپىتال بازىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم، زور تۈرلەرنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىپ، پۇل مۇئامىلە، تاشقى پېرېۋوت ۋە چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

ئۈچىنچى، سېلىنمىنى كېڭەيتىش. بىر تۈركۈم سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى تېزلىتىلىپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىغا تۈرتكە بولۇش تېزلىتىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ شەھەر يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنى كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىلىپ، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى مۇھىم ئامىل كاپالىتى كۈچەيتىلىدۇ.

تۆتىنچى، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش. ساياھەتچىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمال مۇقىم ئاشۇرۇلۇپ، شەھەر - يېزا ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش سىستېمىسى قۇرۇش تېزلىتىلىدۇ.

بەشىنچى، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش. تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىلىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى سىجىل ئۆستۈرۈلۈپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىدۇ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىدۇ.

ئالتىنچى، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىپ، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى زورايتىلىدۇ.

يەتتىنچى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ سۇ، توك، تور ئىشلىتىش ۋە ئۆي ئىجارە ئېلىش قاتارلىق تەننەرخلىرى تۆۋەنلىتىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر ئىشلىتىدىغان توكنىڭ باھاسى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېساباتىدىكى نېسى قالغان پۇلنى ئېنىقلاش سالمىقى زورايتىلىپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر چوڭ ئۇچرىغان ساھە، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا مەدەت بېرىش سالمىقى زورايتىلىپ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى كىرېمنىينى ئاساس قىلىش، شوخلا پىششىقلاش قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىپ، كارخانىلارنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىدۇ.

سەككىزىنچى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش. ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىپ، ئالىي مەكتەپ (تېخنىكا مەكتىپى)لەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىپ ۋە مەدەت بېرىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇس قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەدەت بېرىلىپ، ئىشسىزلىق كاپالىتى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر ياخشى ئىشلىنىلىپ، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باسقۇچلۇق قوللاش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ياخشى ئىشلىنىدۇ.

توققۇزىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش سىياسەت - تەدبىرى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلا ۋاقىتتا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دېگەن روھ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان ھەرىكەت ئارقىلىق سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ياخشى تۇتۇپ، بازار سۇبيېكتلىرى ۋە خەلق ئاممىسىغا بىلىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق بىلدۈرۈش، بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىكلىرىدىن تولۇق بەھرىلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىغا قاراپ كۈچەپ، مۇۋاپىق كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى تېزدىن دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېزدىن سىياسەت ئېففېكتى ھاسىل قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار زىچ ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىدىكى بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان توققۇز جەھەتتىكى 46 تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىر ھەم ئىش تەقسىماتى ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يانداش سىياسەتلەرنى ۋاقتىدا چىقىرىپ، تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ مەشغۇلاتچانلىقىغا، ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.