دىققەت! سىزمۇ بۇنداق ئۇچۇر تاپشۇرۋالدىڭىزمۇ؟

2022-06-10
来源:

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىلىرى «00»دىن باشلىنىدىغان تېلېفون نومۇرىدىن كەلگەن «شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى» سىزنىڭ ھازىرقى نامىڭىزدىكى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىشنى توختىتىپ قويدى، تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى چېكىپ 3-ئەۋلاد كارتىنى قوزغىتىڭ!» دېگەن قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى شەھەر ئاھالىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قىسقا ئۇچۇر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئورنىدىكى خادىملارنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش قىسقا ئۇچۇرى بولۇپ، بۇ قىسقا ئۇچۇردىكى ئۇلانمىنى چېكىپ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ھەرگىز كىرگۈزمەڭ. ھەممەيلەن چوقۇم دىققەت قىلىپ، تېلېگراف ئالدامچىلىقىدىن ساقلىنىشى كېرەك!

ج خ تارماقلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق تارماقلار يوللىغان مۇلازىمەت قىسقا ئۇچۇرىدا، ئۇلانما ئىچىگە شەخسىي ئۇچۇر، بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر، يان تېلېفون دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالدىنىپ قالسىڭىز ياكى گۇمانلىق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، دەلىل ـ ئىسپاتلارنى ساقلاپ قويۇشقا دىققەت قىلىڭ، دەرھال 110غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس تېلېفونى 7654321گە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.