ئامەتلىك لاتارىيەچى مەمەت 400000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-05-20
来源:ئەلكۈيى تورى

4 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە قالتىس خۇش خەۋەر تارقالدى، بىر ئۇيغۇر تەلەيلىك لاتارىيەچى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بىلەت تۈرىدە 400 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى!

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇيغۇر يىگىت مەمەتۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت يولىغا جايلاشقان پاراۋانلىق لاتارىيە دالا سېتىش تور نۇقتىسىدىن ئۆتتى، ئۇ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنىغا ئامراق بولۇپ، بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولدى. ئۇ دەرھال لاتارىيە كۆرگەزمە ئىشكاپى ئىچىدە ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بىلىتىنىڭ بارلىقىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن مەمەت بەش پارچە سېتىۋالدى. ئارقا ـ ئارقىدىن لاتارىيە بىلىتى قىرىشقا باشلىدى، لاتارىيە بىلىتى قىرىپ بولغاندىن كىيىن جەمئىي 50 يۈەن مۇكاپات چىقتى. ئۇ مۇكاپات پۇلىغا يەنە بەش پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى، ئالدىنقى تۆت پارچە لاتارىيە بىلىتىدىن جەمئىي 20 يۈەنلىك كىچىك مۇكاپات چىقتى، ئەڭ ئاخىرقى لاتارىيە بىلىتى « مۇكاپات نومۇرى» بولسا « 54» بۇلۇپ، لاتارىيە بىلىتىدىكى « مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ چىققان ئىدى! مۇكاپات سوممىسى «¥400,000» دەپ كۆرىنىپ تۇراتتى. مول نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا سەكرەپ كېتىپ، خۇشال ھالدا:«چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم! كاتتا مۇكاپات»-دەپ توۋلاپ كەتتى.

مەمەت ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىدە مۇكاپاتنى نەخلەشتۈرگەندە ھاياجانلانغان ھالدامېنىڭ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقانلىقىمغا بەش يىل بولدى، نېمىشقا قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن؟ چۈنكى سېتىۋېلىشتا ھەم نەقلەشتۈرۈشتە ساقلاش ھاجەتسىز بولۇشتەك ئالاھىدىلىك مېنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمگە بەك ماس كېلىدۇ! بۇ قېتىم ئالغان مۇكاپاتىم بىلەن ئائىلەمنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىماقچى بولىۋاتىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاشخانا ئېچىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىۋاتىمەن-دېدى.

(ئىلى   ياڭخۇي)