پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» ئويۇنى

ئەلكۈيى تورى
2022-05-15
来源:ئەلكۈيى تورى

مېنىڭ يۇرتۇم شىنجاڭدا، بۇ يەردە قاناس، تىيانشان بوغدا كۆلى، قۇمقاناس كۆلى، سايرام كۆلى، نارات يايلىقى، قۇمتاغ قۇملۇقى، بايىنبۇلاق توققۇز ئەگىم... قاتارلىق گۈزەل جايلار بار، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى دوستلارنىڭ گۈزەل شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇشىنى قارشى ئالىمەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى قوللاش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، 2022 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» ناملىق پاراۋانلىق لاتارىيە بىلەت تۈرىنى سېتىشنى قارار قىلدى ھەم «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت، ئامەت دائىم ھەمراھ بولۇش» پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرىدۇ، لاتارىيەگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنى 2022 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

«يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» سايرام كۆلىگە كېلىپ، مىليون يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش

سايرام كۆلى شىنجاڭ بورتالا ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرىدىكى شىمالىي تىيانشاننىڭ تىزمىسىغا جايلاشقان، ئىلى ئوبلاستىنىڭ قورغاس ناھىيىسىگە يېقىن بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل ئېگىز تاغ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. سايرام كۆلى « پاكىز دېڭىز» ، « ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە كۆز يېشى» ، «بۇغدا كۆلى» ، «سەنتەي كۆلى» ، «غەربتىكى ساپ دېڭىز» ، «سايرام كۆلى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. «سايرام كۆلى» قازاق تىلىدا تىلەك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» ئويۇنى سايرام كۆلىنىڭ ئەڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسىنى نامايەن قىلغان. «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» لاتارىيە بىلىتىنىڭ يەككە بىلەت قىممىتى 20 يۈەن، مۇكاپات پۇلىنى قايتۇرۇش نىسبىتى 65% بولۇپ، جەمئىي 10 مۇكاپات دەرىجىسى بار، 20 قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بار، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

«يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» ئويۇن قائىدىسى: لاتارىيە بىلەت يۈزىدىكى قىرغاندىن كىيىن، ئەگەر خالىغان بىر «مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن «مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش بولسا، بۇ «مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ ئەگەر «تاغ مەنزىرسى» رەسىم بەلگىسى چىقسا، بۇ بەلگىنىڭ ئاستىدىكى مۇناسىپ مۇكاپاتنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

(« يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» − ئەۋرىشكە بېلەت)

ئاۋدى ماركىلىق 35 ئاپتوموبىل«سەپەر» رىڭىزدىكى ياخشى ھەمرايىڭىز بولغۇسى

«يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» سايرام كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ، ھۇزۇرلاندۇرىدۇ! «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» ئويۇنى مول بولغان مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتلار كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ، جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى مەزگىلىدە ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپاتى بار! سىزنى لاتارىيە بىلىتى قىرىش ئارقىلىق «سەپەر» گە تەكلىپ قىلىمىز.

بۇ قېتىمقى «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت، ئامەت دائىم ھەمراھ بولۇش» تېمىسىدىكى لاتارىيەچىلەرغا نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ سالمىقى زور، مۇكاپات بۇيۇملىرى مول بولۇپ، كىشىنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتىدۇ! بۇ قېتىمقى لاتارىيەچىلەرگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى مەزگىلىدە، لاتارىيەچىلەر پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە خالىغان بىر پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىش نۇقتىسى (بازارغا سېلىش پونكىتى، سىرتتا سېتىش ۋە سودا ئىجتىمائىي تور نۇقتىسى قاتارلىقلار) دىن قىممىتى 20 يۈەنلىك « يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» ئويۇن بېلىتى سېتىۋېلىپ، لاتارىيەچىلەر جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشالايدۇ. يەنى:« يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» بېلەت تۈرى لاتارىيە بىلىتى ئۈسىتىدە، «ئاپتوموبىل» سۈرەتلىك بەلگىسىنى چىقسا بىر داجوڭ ئاۋدى A4L40 TFSI مودا تىپتىكى ئاپتوموبىل بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، پائالىيەتتىكى «ئاپتوموبىل» بەلگىسى «ئالاھىدە مۇكاپات بەلگىسى» بولۇپ، پەقەت «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» ئادەتتىكى مۇكاپات چىقمىغان لاتارىيە بىلىتىدىلا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، لاتارىيەچىلەر دوستلار «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» لاتارىيە بىلىتىنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بايقىغان تەقدىردىمۇ، لاتارىيە بىلىتىنى تاشلىۋېتىشكە ئالدىرىماي، لاتارىيە بېلىتىنى يەنە بىر قېتىم سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشىنى سورايمىز، «ئالاھىدە مۇكاپات بەلگىسى» چىقتىمۇ يوق تەپسىلىي قاراش كېرەك، بەلكىم ئاۋدى A4L TFSI مودا تىپلىق ئاپتوموبىلىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن!

سەمىمىي ئەسكەرتىش: مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرەشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئەستە چىڭ تۇتۇش كېرەك

شىنجاڭدا «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» لاتارىيە بىلىتىنى قىرىشتا خۇشاللىق كۆپ، ئەگەر سىز تەلىيىڭىزگە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشسىڭىز، چوقۇم ۋاقتىدا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈڭ، شۇنداقلا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرەشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئەستە چىڭ تۇتۇشىڭىز كېرەك. بۇ قېتىمقى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى قائىدىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىگە تەۋە.

مۇكاپاتنى قانداق نەقلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ مىليون يۈەن چوڭ مۇكاپات ۋە ئاپتوموبىل ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باققان لاتارىيەچىلەرگە نىسبەتەن مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش باسقۇچى تەبىئىي ھالدا پىششىق، ئەمما تۇنجى قېتىم چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچىلەر تۆۋەندىكى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئىشلىرىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

1. ئەگەر سىز مىليون يۈەنلىك مۇكاپاتقا ياكى ئاۋدى A4L40 TFSI مودا تىپىدىكى ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشسىڭىز، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئۈنۈملۈك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشىڭىز كېرەك.

2. ئاۋدى A4L40 TFSI مودا تىپتىكى ئاپتوموبىل مۇكاپاتىنى نەقلەشتۈرۈشتىن بۇرۇن، مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىش تېلېفونىغا ئالدىن تېلېفون قىلىپ، خىزمەتچى خادىملار بىلەن مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ۋاقتى ئالدىن كېلىشىڭ، ئالاقىلىشىش تېلېفونى 0991-3075634.

3. بۇ قېتىمقى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى نەقلەشتۈرۈش مۇددىتى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 60 تەبىئىي كۈن ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكۈچە مۇكاپات نەقلەشمىگەن بولسا مۇكاپاتتىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ.

4. لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر قانۇن بويىچە شەخسىي تاسادىپىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيىسى تارقىتىش مەركىزى ۋاكالىتەن تاپشۇرىدۇ.

ئەگەر مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشكە دائىر ئىشلارنى ھەقىقەتەن ئەستە تۇتالمىسىڭىز، ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقانداق بىر پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بۇلىدۇ، مۇلازىمەتنىڭ قىزغىن ھەم ئەتراپلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئىشلىرىنى مۇۋاپىق تاماملىشىڭىزغا ياردەملىشىمىز.

(پاراۋانلىق لاتارىيەسى تەشۋىقاتى)