ليۇ خانىم قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنىدا بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-05-13
来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلىرى ياخشى كۆرىدىغان لاتارىيە ئويۇنى بولۇپ، ئىككى ئۈچ پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ بىردەملا قىرغاندىن كىيىن، دەرھال خۇشاللىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ، يەنە شۇنداقلا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلىى بۇلىشىمۇ مۇمكىن. 4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى 65310255 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، ياش لاتارىيەچى ليۇ خانىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسم) « دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» ئويۇنىدا بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، ليۇ خانىم ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى، ئۇ خۇشال ھالدا تەلىيىمنىڭ بۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، مىليون يۈەنلىك مۇكاپات ئاسماندىن چۈشكەندەكلا چۈشتى! 4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، مەن بىر نەچچە دوستۇم بىلەن بازار ئايلىنىشقا كېلىشىپ سىرتقا چىقتىم، سودا كوچىسىنى ئايلىنىپ ھېرىپ قالدۇق، بەزى دوستلار لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىز پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىردۇق. دوستۇم لاتارىيە سېتىۋالغان ۋاقىتتا قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بىلتى مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر پارچە سېتىۋېلىپ سىناپ باقماقچى بولدۇم، لاتارىيە بىلىتىنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن مال ساتقۇچىنى سېلىشتۇرۇپ بېرىشكە چاقىردىم، ئويلىمىغان يەردىن 1 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، مەن ۋە دوستلىرىم ھەممىمىز ھەيران قالدۇق ۋە خۇشال بولدۇق! قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى ھەقىقەتەن بەك سىرلىق ئىكەن-دېدى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ليۇ خانىم :« مەن ياسىنىشنى ياخشى كۆرىمەن، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ مۇكاپات بىلەن كىچىك گىرىم بۇيۇملىرى دۇكىنى ئېچىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، بۇ مۇكاپات مېنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىمدىكى ئىش باشلاش مەبلىغى بۇلىدۇ-دېدى.

ەشقەر   ياڭ جۈنۋېي)