قەشقەردىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى شياۋ جاۋ بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-05-13
来源:ئەلكۈيى تورى

قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى « دەرىجىدىن تاشقىرى 9 » قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى، بۇنى «چولپان بېلەت تۈرى» دېيىشكە بولىدۇ. 4- ئاينىڭ 11- كۈنى، لاتارىيەچى شياۋجاۋۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ 65310217 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا   كىرىپ تاماشا كۆردى.

شياۋ جاۋ كۆپچىلىكنىڭ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى «دەرىجىدىن تاشقىرى 9» نى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ بىر نەچچە پارچە سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بۇلۇپ لاتارىيە بىلتى سېتىۋالدى، لاتارىيە بىلىتىنى قىرىپ ئۈچىنچىسىگە كەلگەندە، شياۋ جاۋ «ئويناش ئۇسۇلى 3» دە مۇكاپات نومۇرى « 04، 25» كۆرۈندى، داۋاملىق قىرغاندىن كىيىن « مېنىڭ نومۇرۇم» دىمۇ « 25» پەيدا بولدى، تۆۋەندىكى ماس مۇكاپات سوممىسى « 1000000» دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شياۋ جاۋ شۇ يەردىلا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، قايتا-قايتا قارىغاندىن كېيىن:« تەڭرىم! 1 مىليون يۈەن! كاتتا مۇكاپات چىقتى!»-دەپ توۋلىدى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا بىردىنلا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە شياۋ جاۋنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭ ئامىتىگە ھەۋەس قىلدى.

4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش زالىدا، مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى شياۋ جاۋمۇكاپات قانداق ئىشلىتىشكە كەلسەك، مەن تېخى قانداق ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ بولالمىدىم، ئۆيگە قايتىپ ئاتا ـ ئانامنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مەن تېخى ياش، يەنىلا ئەستايىدىللىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشۈم كېرەك.»-دېدى.

ەشقەر    ياۋتىڭ)