قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى يېڭى بىلەت تۈرى بازارغا سېلىندى

ئەلكۈيى تورى
2022-05-12
来源:ئەلكۈيى تورى

«رەڭلىك نەققاشلىق قاپارتما نەقىشى (彩绘散乐浮雕)» 1995-يىلى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چۈياڭ ناھىيەسىدىن قېزىۋېلىنغان، ماھارىتى سىلىق، نەپىس، نەقىشلىرى راۋان، ئەركىن بولۇپ، پىپا، چوڭ دۇمباق، پالاق، دۇمباق، نەي، غوڭقا قاتارلىق ئون خىل قەدىمكى چالغۇ ئەسۋابى بارلىققا كەلگەن؛ قاڭقىما چالغۇ، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان نەيچىلەر، ئۇرۇپ چېلىنىدىغان چالغۇلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھازىرقى تاش ئويمىلاردا بارلىققا كېلىپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرى مۇكەممەل نامايان قىلىنغان.

يېقىندا، «تاڭچاۋېڭى نەققاشلىق سىزما قاپارتما نەقىشى (唐潮-新彩绘散乐浮雕)» دەپ ئاتالغان پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى لاتارىيە بىلەت تۈرى شىنجاڭدا بازارغا سېلىندى. «تاڭچاۋېڭى نەققاشلىق سىزما قاپارتما نەقىشى (唐潮-新彩绘散乐浮雕)» تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش باش تېما بولۇپ، ئۇنىڭدا ھازىرقى زامان ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان يېڭى ئېقىم سىزىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، دۆلەت گۆھىرى رەڭلىك مۇزىكا قاپارتما نەقىشى ئەسلىي تىپ قىلىنىپ، ئىككىنچى قېتىم ئىجاد قىلىنغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شەخسلەر، كىيىم-كېچەك، گىرىم ۋە قەدىمىي چالغۇلار ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىنىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى بەش دەۋرىدىكى مۇزىكىلىق ئۇسسۇل كۆرۈنۈشى ھەقىقىي نامايان قىلىنغان ھەمدە مۇزىكا ماھارىتىنىڭ قىياپىتى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ گۈزەللىكىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، دۆلەت گۆھىرى بىلەن بىللە جانلانغان. بۇ لاتارىيە بىلەت تۈرى بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قەدىمىي مۇزىكا قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ، ئاشۇ بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىنى قايتا نامايەن قىلغان.

بۇ لاتارىيە بىلىتىنىڭ قىممىتى 20 يۈەن، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەن، مۇكاپات دەرىجىسى 11 دەرىجە بولۇپ، مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتى %65 . ئويۇن قائىدىسى: يوپۇق ھالەتتىكى لاتارىيە بىلىتىنى قىرغاندىن كىيىن ھەر قانداق مۇكاپات سوممىسى چىقسا، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

تاڭچاۋېڭى نەققاشلىق سىزما قاپارتما نەقىشى(唐潮-新彩绘散乐浮雕)

ئوخشاش مەزگىلدە شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغان قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى يەنە بىر يېڭى بىلەت تۈرى «ئارزۇ- ئارمان ئەمەلگە ئېشى (心想事成) » ، مەنىسى -سىز خۇشال، سىز ساغلام! بۇ بىلەتنىڭ قىممىتى 10 يۈەن، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى 250 مىڭ يۈەن، مۇكاپات دەرىجىسى 10 دەرىجە، مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتى %65. ئويۇن قائىدىسى: لاتارىيە يوپۇقىنى قىرغاندىن كىيىن، ئەگەر خالىغان بىر « مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن خالىغان بىر « مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش بولسا، بۇ « مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى مۇناسىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئەگەر «يۈرەك» رەسىم بەلگىسى چىقسا، ئويناش ئۇسۇلى رايونى ئىچىدىكى بارلىق مۇكاپاتلارنىڭ يىغىندىسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئارزۇ- ئارمان ئەمەلگە ئېشى (心想事成)

پاراۋانلىق لاتارىيەسى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى، قانچە قىرغانسىرى شۇنچە خۇشال بولغىلى بۇلىدۇ! پاراۋانلىق لاتارىيەسىدە خۇشاللىققا ئېرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!