سانجىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋاڭ خانىم 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-05-12
来源:ئەلكۈيى تورى

5 ـ ئايدا، گۇچۇڭدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئەتراپ يېشىللىققا پۈركەندى، ھاۋا ئۈزلۈكسىز ئىللىپ، ھەممە نەرسە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدى، بۇمۇ سانجىدىكى لاتارىيەچىلەرگە ياخشى بولغان ئامەتە ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

5 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ 2022050 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، گۇچۇڭ ناھىيەسى 65230210 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، بىر لاتارىيەچى 10 يۈەنلىك ئاپتوماتىك نومۇر تاللاش ئارقىلىق 1 دو قوش رەڭلىك توپ ئىككىنچى دەرىجى

ئىككىنچى كۈنى، ئۆزىنىڭ پونكىتى ئىچىدە سەيمىنلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، 65230210 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى خو خانىم دەرھال پونكىت ئالدىدا پوجاڭزا ئېتىپ، لوزۇنكا ئېسىپ، ئۆتۈپ-كېتىۋاتقانلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزدى، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر خۇش-خەۋەرنى ئاڭلاپ، مۇكاپاتقا چىقىش تەپسىلاتىنى بەسەستە سورىدى، شۇنداقلا بىر نەچچە تال لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ خۇشاللىققا تەڭ چۆمدى.

5 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەلەيلىك لاتارىيەچى ۋاڭ خانىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئېرى بىلەن بىرلىكتە سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات ئالدى، ۋاڭ خانىم خۇشال ھالدا 5 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى كەچقۇرۇن، مەن دوستلار چەمبىرىكىدىن تۇيۇقسىز 65230210 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى يوللىغان قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى مۇكاپات نەتىجىسىنى كۆرۈپ، ئاندىن شۇ كۈنى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ مۇكاپات ئېچىلىدىغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ناھايىتى تېزلا ئۆزۈمنىڭ لاتارىيە بېلىتى بىلەن مۇكاپات نومۇرىنى سېلىشتۇرۇپ چىقتىم. ھەقىقەتەن بىر قاراپلا چۆچۈپ كەتتىم، مەن ئاپتوماتىك تاللىغان بۇ بەش دو نومۇرنىڭ ئىچىدە بىر دو نومۇردا قىزىل توپنىڭ ھەممىسى چىقىپتۇ، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى! ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم-دېدى.

بۇ مۇكاپات قانداق ئىشلىتىش ئۈستىدە توختالغاندا، ۋاڭ خانىمبۇ قېتىمقى مۇكاپات بەك تۇيۇقسىز چىقتى، تېخى كونكرېت پىلان تۈزمىدىم، بىراق ئالدى بىلەن ئائىلە تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن، ۋە شۇنداقلا پاراۋانلىق لاتارىيەنى داۋاملىق قوللايمەن، ياخشى ئامەتنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»-دېدى.

(سانجى   مابىنيۈەن)