سانجىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى فېڭ ئەپەندى 27730 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-29
来源:ئەلكۈيى تورى

ئىقتىسادشۇناسلىقتا مۇنداق بىر قائىدە بار، يەنى «تۇخۇمنى بىر سېۋەتكە سالماسلىق كېرەك»، بۇنداق دېگەنلىك، ئەگەر تۇخۇمنى بىر سېۋەتكە سالغاندا، خەتەر ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، ئەگەر بۇ سېۋەت بۇزۇلسا، ئىچىدىكى ھەممە تۇخۇم چېقىلىپ كېتىدۇ، دېگەنلىكتۇر. خەتەرنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى تۇخۇمنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان سېۋەتكە سېلىش كېرەك. نۇرغۇن شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش نەزەرىيەسىمۇ ئوخشاشلا بىر قىسىم لاتارىيەچىلەر تەرىپىدىن جانلىق نامايان قىلىنىدى.

يېقىندا سانجى شەھىرىدىكى فېڭ ئەپەندى مۇشۇ نەزەرىيەگە بويىچە لاتارىيە سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى فېڭ ئەپەندى 3D ئويۇن لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالغاندا، نومۇر « 519» غا قارىتا «يەككە تاللاش + گۇرۇپپا تاللاش» نى بىرلەشتۈرۈپ دو تىكتى، دو تىكىش سوممىسى 70 يۈەن بۇلۇپ، 27730 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

فېڭ ئەپەندى 4 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۆيىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدانەچچە مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن 20 نەچچە مىڭ يۈەنگە ئېرىشتىم، ھەقىقەتەن تەلىيىم كەلدى!»-دېدى. ئەسلىدە، 4 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى كەچتە، بىر كۈن ئالدىراش يۈرگەن فېڭ ئەپەندى دائىم بارىدىغان 65230282 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ 3D ئويۇن لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالغانىدى. 30 قارارغا يېقىن مۇكاپات نومۇرى تەتقىق قىلىپ، « 159» دىن ئىبارەت بۇ نومۇرغا بولغان تۇنجى تەسىراتى ناھايىتى ياخشى بولدى، شۇنىڭ بىلەن 1 دو 10 ھەسسە گۇرۇپپىلاپ ئالتىنى تاللاش بويىچە دو تىكتى، دو تىكىشنى تۈگىتىپ كېيىن بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، « 3D يەككە تاللاش مۇكاپاتى 1040 يۈەن، يەنە بىر پارچە يەككە تاللاپ دو تىكىپ تەلەي سىناپ باقاي، بەلكىم تېخىمۇ كۆپ مۇكاپات چىقىشى مۇمكىن!»-دەپ ئويلىدى، ئارقىدىنلا ئۇ نومۇرنىڭ ئورنىغا ئاساسەن تەتقىق قىلىپ، «159» نومۇرىدىكى ئۈچ رەقەمنىڭ ئورنىنى تەڭشەپ، «519» غا بەش ھەسسە قىلىپ تاللاپ دو تىكتى. « تاق تاللاش + گۇرۇپپا تاللاش» تىن ئىبارەت بۇ مەشغۇلاتنى تاماملىغاندىن كېيىن، فېڭ ئەپەندى رازى بولغان ھالدا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلدى.

فېڭ ئەپەندى مۇكاپاتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق:«مۇشۇنچىۋالا كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىكى ئاچقۇچ مەن ئەڭ ئاخىرىدا سېتىۋالغان 25 دو يەككە تاللىشىمدا، بولمىسا مۇشۇنچىۋالا كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيتتىم. مىنىڭ قارىشىمچە "تاق تاللاش + گۇرۇپپا تاللاش" تىن ئىبارەت بۇ خىل بىرىكمە دو تىكىش ئوسۇلى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.»-دېدى.

(سانجى فېڭرۇي)