مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى: بۇ كاتتا مۇكاپات بىلەن ماشىنا سېتىۋالىمەن

ئەلكۈيى تورى
2022-04-27
来源:ئەلكۈيى تورى

ـــ « كىم كۈز پەسلىنىلا مول ھوسۇل پەسلى دەيدۇ؟ قاراڭ، مەن باھاردا مول ھوسۇل ئالدىم!» دېدى 4 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى كورلىدىكى لاتارىيەچى گې ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسم) بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا خۇشال ھالدا.

4 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، گې ئەپەندى 65280124 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە سېتىۋالدى، «قوش رەڭلىك توپ» مۇكاپات نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ بىر تال سوغۇقراق نومۇرنى تاللاپ يەككە دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە، گې ئەپەندى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تورىغا چىقىپ، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ 2022037-قارار مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزى تاللىغان نۇمۇردا بارلىق قىزىل توپلار چىققانلىقىنى بايقىدى! گې ئەپەندى بىر دو 2-دەرىجىلىك مۇكاپات ئېرىشكەن، مۇكاپات سوممىسى 372366 يۈەن بولغان. گې ئەپەندى ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق چىڭ تۇرۇشىنىڭ ئاخىرى نەتىجىسى چىققان ئىدى، ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەردىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، گې ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا:« مەن بۇلتۇر يېڭى ئۆي سېتىۋالغان ئىدىم، بۇ يىل دادا بۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن، ھازىر بىر ئاپتوموبىل كەم ئىدى. بۇ قېتىم كاتتا مۇكاپات چىقتى، بۇ مۇكاپات پۇلى بىلەن ياخشى ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن "قوش رەڭلىك توپ" ماڭا بەرگەن چوڭ سوۋغات ـ دە-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)