لاتارىيەچى يېڭى ئويناش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-24
来源:ئەلكۈيى تورى

« شادلىق 8» ناملىق ئويۇنى دەن تو بويىچە دو تىكىش ئۇسۇلى بارغانسېرى ئومۇملىشىشقا ئەگىشىپ،دەن تونى ئۇسىلىنى قوللىنىپ مۇكاپات چىققان تەلەي ئىگىلىرى كۆپەيدى. مانا، 2022 ـ يىل 3 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ 2022060 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، قاراماي شەھىرى 65020021 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچىغا مۇكاپات چىقتى، مۇكاپات سوممىسى 157280 يۈەن بولدى.

3 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى يۈ ئەپەندى قاراماي شەھىرىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسىدە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن ئادەتتە لاتارىيە سېتىۋالغاندا بىر قەدەر ئىختىيارى ھالەتتە، بەزىدە ئىسىمگە كەپ قالسا ياكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتۈپ قالسام ئاندىن لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالىمەن. 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، يۈ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ 3D ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالغان، ئەينى چاغدا پونكىتتا ئادەم كۆپ بولغاچقا، لاتارىيە بىلىتىنى سېتىۋېلىپ بولۇپلا كەتمەكچى بولغان. مال ساتقۇچى خادىم يۈ ئەپەندى كېتىشكە تەييارلىنىۋاتقاندا، دەرھال «شادلىق ئويۇنىنى سىناپ بېقىشنى، « يېڭى ئويناش ئۇسۇلى» نى سىناپ باقسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يۈ ئەپەندىنىڭ كۆڭلىدە قىلچە تەييارلىق بولمىسىمۇ، يېڭى ئويناش ئۇسۇلىنى ئاڭلاپلا دەرھال قىزىقىپ، سىناپ بېقىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مال ساتقۇچى يۈ ئەپەندىگە ھەرىكەتلىك رەسىمنى ئەۋەتىپ بەردى ھەمدە كاللا ئىشلىتىپ نومۇر تاللاشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى، بۇ ھەركەتلىك رەسىم ئارقىلىق ئىكراننىى رەسىمگە تارتىپ تۇرۇپ نۇمۇر تاللىسا بولدىغانلىقىنى ئېيتتى. يۈ ئەپەندى سىناپ بېقىش نىيىتىگە كېلىپ، نۇمۇر تاللاپ يۈرەكلىك ھالدا دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلغاندا، مال ساتقۇچى يۈ ئەپەندىگە مۇكاپات چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى، يۈ ئەپەندى ئۆزىگە مۇكاپات چىققانلىقىغا ئىشەنمەيلا قالغان ئىدى، مۇشۇنداق خالىغانچە نۇمۇر تاللاپ قۇيۇپ مۇكاپات چىققانلىقىغا ھەيران قالغان ئىدى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغان يۈ ئەپەندى:«پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى ساتقۇچىغا كۆپ رەھمەت، ئۇ تەۋسىيە قىلغان يېڭى ئويناش ئۇسۇلى بولمىغان بولسا مەن بۇ 157280 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيتتىم. ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ يىل مېنىڭ ئامىتىم ئۈزۈلمىگۈدەك! ھا ھا....»-دېدى.

(قاراماي لىلىڭ)