لاتارىيەچى: مۇكاپات چىقمىسا مەيۈسلەنمەيمەن، بۇ پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈ تۆھپە قوشقانلىق

ئەلكۈيى تورى
2022-04-21
来源:ئەلكۈيى تورى

ـــ« ۋاھ! ماھىر، ماھىر!» 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، سانجى لاتارىيە بازىرى يەنە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرىنى كۈتىۋالدى، بىر لاتارىيەچى «تاق تاللاش + گۇرۇپپا تاللاش» دو تىكىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بىراقلا 3D ئويۇنىدا 183700 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئەتىسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كېلىپ، بۇ كاتتا مۇكاپاتنى قولىغا ئالدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى مى ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ 3D ئويۇن ھەۋەسكارى، مۇكاپات ئېچىلغان شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، سانجى پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق 3D ئويۇن مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈرگەن بۇلۇپ، ھەمدە نومۇر تەقسىماتىدىكى قۇيرۇق ۋە چات ئارىسىنى تەھلىل قىلىپ، 730 نومۇرنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن 65230151 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، 730نى چوقۇم تاللاش نومۇرى قىلىپ بېكىتىپ، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇ يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0 دىن 2 گىچە باشقا نومۇرلارنى ماسلاشتۇرۇپ تولۇقلىغان ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 160 دو يەككە تاللاش ۋە 100 دو گۇرۇپپا بويىچە تاللاش بويىچە دو تىككەن، ئويلىمىغان يەردىن شۇ قارار 3D ئويۇنىنىڭ مۇكاپات نومۇرى دەل 730 بولغان بۇلۇپ، مى ئەپەندى كاتتا ئامەتنى كۈتىۋالغان، ئۇ دو تىككەن ھەر بىر لاتارىيە بېلىتىدىن مۇكاپات چىققان.

مۇكاپات پۇلىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، مى ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق توغرا تاللىشىم، ۋە بۇنچە كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم، ھەم شۇنداقلا تۇنجى قېتىم سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشۈم بولدى، ئازراق ھاياجانلاندىم، كېلەر قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشۈمنى ئۈمىد قىلىمەن-دېدى.

« يالغۇز تاللاش + گۇرۇپپىلار بويىچە تاللاش» ئۇسۇلىنى ماسلاشتۇرۇپ تاللاش توغرىسىدا، مى ئەپەندى مۇنداق چۈشەندۈردىگۇرۇپپىلاپ دو تىكىش ئۇسۇلى ئارقىلىق   "شەرق تەرەپ يورۇمىسا، غەرب تەرەپ يورۇش" تەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئەگەر بۇ قېتىمقى ئۈچ نومۇرنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز ئورنى بويىچە چىقمىغان بولسىمۇ، قۇرۇق قول قالمىغان بۇلاتتىم، يەنىلا بەلگىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھېچقانداق ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەگەر سېزىم ياخشى بولسا، ھەسسىلەپ دو تىكىمەن، ھەرقانداق بىر مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويمايمەن، ئەلۋەتتە ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىسەممۇ، بۇنىڭلىق بىلەن مەيۈسلىنىپ قالمايمەن، چۈنكى بۇ كۆپچىلىك پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىق بولىدۇ.»-دېدى.

(سانجى فېڭرۇي)