گاز قاچىلىغان شوپۇر تاساددىبىي ھالدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-20
来源:ئەلكۈيى تورى

2-مارت، بايىنغولىن ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسىدىكى خۇڭتۇڭ گاز قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئىچى ناھايىتى قىزىپ كەتتى، كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى، كاتتا مۇكاپاتمۇ يېتىپ كەلدى، بىرئامەتلىك لاتارىيەچى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىدا 2 يۈەنلىك «گۆھەر ساندۇقى» لاتارىيە بىلەت تۈرىدە بىرىنچى دەرىجىلىك 20000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئابلىمىت چوڭ ئاپتوموبىل شوپۇرى بولۇپ، ئادەتتە دائىم خۇڭتۇڭ گاز قاچىلاش پونكىتىدا گاز قاچىلايدىكەن. مۇكاپات چىققان شۇ كۈنى ئۇ ئەتىگەندىلا خۇڭتۇڭ گاز قاچىلاش پونكىتىغا بېرىپ گاز قاچىلىدى، ئابلىمىت بۇلتۇر بۇ گاز قاچىلاش پونكىتىدا بىرەيلەننىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى سوۋغا قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدى، لېكىن ئىككىنچى تەلەيلىك كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

ئابلىمىت «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئادەتتە ئالدىراش بولمىسىلا، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر ئىككى پارچە لاتارىيە بىلىتى قىرىپ تەلەي سىناش بىلەن بىرگە ئارام ئالاتتى، شۇ كۈنى گاز قاچىلاش پونكىتىدا گاز قاچىلىغاندىن كېيىن، ئابلىمىت سوۋغا قىلغان ئىككى «گۆھەر ساندۇقى» لاتارىيە بىلىتىنى قولىغا ئالدى، ئابلىمىت بىر تەرەپتىن گاز قاچىلىغۇچى بىلەن پاراڭلاشقاچ، بىر تەرەپتىن لاتارىيە بىلىتىنى قىردى، «بىزنىڭ گاز قاچىلاش پونكىتىدا بۇلتۇر بىرەيلەنگە كاتتا مۇكاپات چىققان! بەلكىم سىز ئىككىنچى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بولۇشىڭىز مۇمكىن.»ــ دېدى گاز قاچىلىغۇچى. ئىلھامغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئابلىمىتنىڭ قولى بىكار تۇرمىدى، ئۇ ئىككىنچى پارچە «گۆھەر ساندۇقى» لاتارىيە بىلىتىنى قىرغاندا تۇيۇقسىز:« مۇكاپاتقا ئېرىشكەندەك قىلىمەن»-دېدى، گاز قاچىلىغۇچى ھەيران بولۇپ: « قانچە پۇل چىقتى، 20 مىڭ يۈەنمۇ؟ ئەكىلىڭ كۆرۈپ باقاي، ئالدىنقى 20 مىڭ يۈەن چىققان لاتارىيە بىلىتنى مەن كۆرگەن، مۇكاپات سوممىسى قانچە بولسا شۇنچە پۇلغا ئېرىشەلەيدۇ. ھەقىقەتەن 20 مىڭ يۈەن ئىكەن! تەلىيىڭىز بار ئىكەن، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپسىز-دېدى، ئابلىمىتنىڭ 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرى ئەتراپتىكى شوپۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، كۆپچىلىك ئۇنى ئورىۋېلىپ مۇبارەكلەشتى.

كاتتا مۇكاپات خۇش خەۋىرىدىن بەھرىمەن بۇلۇش ئۈچۈن ئولىشىۋالغان شوپۇرلار ئابلىمىتنىڭ بەختىگە ھەۋەس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گاز قاچىلىغاندىن كېيىن بەسەستە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى سوۋغات بېلىتىگە ئېرىشتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى قاينام-تاشقىنلىق كەيپىياتقا چۆمدى...

ئابلىمىت ئەتىسى خوتۇنىنى ئېلىپ بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى. مۇكاپات نەقلەشتۈرگەندە، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى: « بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم گاز قاچىلاش پونكىتىنىڭ پائالىيتىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن بولدى، بولمىسا مەنمۇ بۇ 20 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيتتىم، بەك خۇشال بولدۇم، گاز قاچىلاش جەريانىدا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققاندەك ئىش بولدى-دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئومۇمەن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسىنىڭ خۇڭتۇڭ گاز قاچىلاش پونكىتى CNG100 گاز قاچىلىسا، ئىككى پارچە ئىككى يۈەنلىك «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سوۋغات قىلىنىدىغان بۇلۇپ،   LNG100 گاز قاچىلىسا ئىككى پارچە ئىككى يۈەنلىك «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سوۋغات قىلىنىدىكەن ، كىچىك ئاپتوموبىلغا 200 يۈەنلىك كارتا بېجىرسە ئىككى پارچە ئىككى يۈەنلىك «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سوۋغات قىلىنىدىكەن، بۇ پائالىيەت ئۇزاق مۇددەت كۈچكە ئىگە ئىكەن.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)