بەش خىل مېتال دۇكىنىنىڭ خوجايىنى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-19
来源:ئەلكۈيى تورى

3 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، تەلەيلىك لاتارىيەچى ليۇ ئەپەندى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى ئىتتىپاق غەربىي يولى 10 ـ نومۇرلۇق ئولتۇراق رايونىدىكى 65280167 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن لاتارىيە سېتىۋېلىپ، بەختىگە يارىشا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، يەنى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» 10000 يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بەش خىل مېتال دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ليۇ ئەپەندى كۆپ يىللىق لاتارىيە سېتىۋېلىش تەجىربىسى بار پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، دۇكىنىنىڭ يېنىدا 650280167 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى بولغاچقا، بوش ۋاقتى بولسىلا ئۇ بىر نەچچە دو لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالاتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق پاراۋانلىق لاتارىيەدىكى پىشقەدەم لاتارىيەچى بولدى. ليۇ ئەپەندى ئادەتتە « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەر قېتىم « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلغان كۈنىدە، ئۇ ئۆزى تاللاپ ئىككى دو ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاش ئارلىق دو تىكەتتى، ۋە نۇرغۇن قېتىم چوڭ-كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر قېتىم لاتارىيە سېتىۋالغاندا، ئۇ يەنە بىرنەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالاتتى، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىدا مۇكاپات چىقمىسا، ئامەت «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىدىن چىقىپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى.

3- ئاينىڭ 10- كۈنى، ليۇ ئەپەندى بىكارچىلىقتا 65280167 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، بىردەم ئولتۇرۇپ مال ساتقۇچىنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ كەتمەكچى بولغاندا، ئۇ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى كۆرگەزمە ئىشكاپىنىڭ ئىچىدىكى لاتارىيە بىلىتىنى كۆرۈپ قالدى، رەڭگى چىرايلىق، ئىسمى ياڭراق بولغان بۇ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى لاتارىيە بىلەت تۈرى «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» ئىكەنلىكىنى كۆردى. خۇشاللىق ئىچىدە، ئۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بىلىتىدىن بەش پارچە سېتىۋالدى، لاتارىيە بېلەتنى ئالغاندىن كېيىن تاقەتسىزلىك بىلەن قىرىشقا باشلىدى. بىرىنچى پارچىسىدىن مۇكاپات چىقمىدى، ئىككىنچى پارچىسىدىن يەنىلا مۇكاپات چىقمىدى، ئۇ ئۈچىنچى پارچىسىنى قىرغاندا «مېنىڭ نۇمۇرۇم» دىكى ئۈچىنچى قۇرنىڭ «مۇكاپات نۇمۇرى» بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ، «45» دېگەن نۇمۇرنى كۆردى، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدى. ليۇ ئەپەندى ھاياجانلىنىشقا باشلىدى، ئۇ دەرھال مۇكاپات سوممىسىنىڭ قاپلاش پەردىسىنى قىرىپ تاشلىدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا توختىماي « بىر نۆل، ئىككى نۆل، ئۈچ نۆل ...» پەيدا بولدى، ليۇ ئەپەندى ئىختىيارسىز يۇقىرى ئاۋازدا ساناپ چىقتى، « مۇكاپات چىقتى! كاتتا مۇكاپات! 100000 يۈەن!!»-دېدى.

ھاياجانلانغان ليۇ ئەپەندى دەرھال ساتقۇچى خادىملاردىن مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى، مۇكاپات نەقلەشتۈرگەندە ئۇ مۇنداق دېدى: « مەن ئىزچىل تۈردە< قوش رەڭلىك توپ> تا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىمقى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم، مەن يەنە داۋاملىق تىرىشىپ، <قوش رەڭلىك توپ> ئويۇنىدا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرىمەن-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)