پاراۋانلىق لاتارىيە بازىرىدىكى «داڭلىق چولپان»- شادلىق 8 ئۇيۇنى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-15
来源:ئەلكۈيى تورى

« شادلىق 8» ئويۇنىنى ھازىرقى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە بازىرىدىكى « داڭلىق چولپان» دېيىشكە بولىدۇ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپلا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ « كۆڭلىدىكى ياخشى» ئويۇنغا ئايلاندى، ھەر خىل ئويناش ئۇسۇلى ۋە دو تىكىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر خىل دو تىكىش ئۇسۇلى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ «بەشنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلىغا قارىتا «دەن تۆت چۈەن تو» ئۇسۇلىنى قوللىنىش (يەنى دو تىكىش بەش ئويناش ئۇسۇلىنى تاللاش، دەنمادىن تۆتنى ۋە 76 توما تاللاپ دو تىكىش). 3 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنىدىن 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنىگىچە، يېرىم ئاي ئىچىدە، شىنجاڭ لاتارىيە شەھىرىدە جەمئىي 607 پارچە لاتارىيە بېلىتى ئىچىدىن «بەشنى تاللاش دەن تۆت چۈەن تو» مۇكاپات چىقتى، ھەر بىر پارچە لاتارىيە بىلىتىدىن 16 دو «بەشنى تاللاپ بەش چىقىش» مۇكاپاتى، 60 دو «بەشنى تاللاپ تۆتى چىقىش» مۇكاپاتى چىققان، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 17260 يۈەن بولغان، يەنى بۇ يېرىم ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيەچىلەر «دەن تۆت چۈەن تو» ئارقىلىق جەمئىي 10476820 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگەللىنىشچە، «دەن تۆت چۈەن تو» ئويناش ئۇسۇلىنى بىز شىنجاڭلىق لاتارىيەچىلەر ئىجاد قىلمىغان بۇلۇپ، باشقا ئۆلكىدىكى لاتارىيەچىلەر بايقىغان ھەم سىناپ كۆرگەن، ئاندىن تور ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ لاتارىيە بازىرىغا كىرگەن بولۇپ، «توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن دو تىكىش ئۇسۇلى»غا ئايلانغان. بىر دو تىكىش ئۇسۇلى قىسقىغىنە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا پۈتۈن شىنجاڭدا تارقىلىپ، ھەر مىللەت لاتارىيەچىلىرىگە بەخت ئاتا قىلدى، بۇ بىزنىڭ شىنجاڭدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ئەقىل ـ پاراسەتكە تولغان، ئۆگىنىشكە ماھىر ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

تەھرىرنىڭ قارىشىچە، «دەن تۆت چۈەن تو» نىڭ قارشى ئېلىنىشىدا، بۇنىڭدا ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ سەۋەب باربۇلۇپ، بىرىنچى دو تىكىش سوممىسى مۇۋاپىق بولۇش «دەن تۆت چۈەن تو» نى ئىشلىتىپ « بەشنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە ئويناشتا، يەككە دو تىكىش سوممىسى 152 يۈەن بولىدۇ، بىر قەدەر مۇۋاپىق، يالغۇز كىشىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؛ ئىككىنچى، ئويناش بىر قەدەر ئاسان، «چۈەن تو» سەۋەبىدىن، شۇڭا «تو ما» نى تاللاشنى ئويلاشمىساقمۇ بولىدۇ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن « دەن ما» نى تاللىساقلا بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، مۇكاپات سوممىسى يۇقىرى، پەقەت ئۈچ تال«دەنما» چىقسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ، مۇكاپات سوممىسى 534 يۈەن بۇلىدۇ، تۆت دانە «دەن ما» چىقسا مۇكاپات سوممىسى 17260 يۈەن بۇلىدۇ.

ۇكاپات چىققان لاتارىيە بېلىتى مىسالى)

ئەمەلىيەتتە، «بەشنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلىدىكى «دەن تۆت چۈەن تو» لا ئەمەس، «شادلىق 8» ئويۇنىدىكى «ئىككىنى تاللاش» تىن «ئوننى تاللاش» ئويۇنىدىمۇ «دەن تۆت چۈەن تو» ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن جانلىق بولۇپ، لاتارىيەچىلەر ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن جانلىق تاللىسا بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.

يۇقىرىقى رەسىمدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، «دەن ما چۈەن تو» ئارقىلىق «شادلىق 8» ئويۇنىنى ئوينىغاندا، «دەن ما» قانچە كۆپ بولسا، مۇكاپات سوممىسى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، « توققۇزنى تاللاش» ، « ئوننى تاللاش» ئۇسۇلىنىڭ مۇكاپات سوممىسى ھەتتا لېتوۋ ئۇيۇنىمۇ يېتەلمەيدىغان ھالەتكە يېتىشى مۇمكىن، لېكىن مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئويلاشقاندا، يەنىلا «بەشنى تاللاش»، «ئالتىنى تاللاش» ئۇسۇلىدا «دەن ما چۈەن تو» نىڭ قوللىنىشچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى نىسبەتكە ئىگە بولىدۇ.

(پاراۋانلىق لاتارىيەسى تەشۋىقاتى)