سانجىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 36400 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-15
来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى كۈندە مۇكاپات ئېچىلىش، ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، كۆپ خىل دو تىكىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن سىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كىلىدۇ.

ـــ«تاق تاللاش + ھەسسىلەش» بەك نوچى ئىكەن! ــ دېدى لاتارىيەچى. سانجىدا، ھەمىشە مۇشۇنداق بىر تۈركۈم لاتارىيەچىلەر بار، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا ياكى توردا نومۇرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ، ئاندىن نومۇرنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىدۇ، نۇمۇرنى بىكىتكەن ھامان ھەسسىلەپ دو تىكىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە باج تاپشۇرمىسىمۇ بۇلىدۇ، قانداق ئوينىسا شۇنداق خۇشال بولىدۇ! 4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، 3D ئويۇنى 2022090 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نۇمۇرى «722» بولدى، سانجى شەھىرىدىكى 3D ئويۇنى پېشقەدەم لاتارىيەچى ما ئەپەندىنىڭ ئامىتى كىلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئەسلىدە، 50 نەچچە ياشلىق لاتارىيەچى ما ئۇستام سانجى شەھىرى 65230168 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، 4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى ئۆزى بىر دو نۇمۇرنى 35 ھەسسە يەككە تاللاپ دو تىكىپ، 36400 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. سانجى شەھىرى 54-نومۇرلۇق ئولتۇراق رايونىدىكى 65230168 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى شى خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ما ئۇستام ھەر قېتىم لاتارىيە سېتىۋالغاندا بىر دو 3D يەككە نومۇر تاللاپ دو تىكىشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇلۇپ، بۇ ئادەتكە ئايلانغان، بىراق ئادەتتە پەقەت بەش ھەسسىدىن ئون ھەسسىگىچە دو تىكىدىكەن، بۇ قېتىمقى 35 ھەسسە دو تىكىش ھەقىقەتەن تۇنجى قېتىملىقى ئىكەن.

ئەتىسى، 65230168 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەن ما ئۇستام مۇكاپاتقا ئېرىشىش خۇشاللىقىغا چۆمگەن بولۇپ، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، ئۇ خۇشال ھالدا:« مەن 2009-يىلىدىن باشلاپ پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن ئۇچرىشىپ، < قوش رەڭلىك توپ> ئويناشقا باشلىدىم، كېيىن 3D غا قىزىقىپ قالدىم، دەسلەپتە بىر دو نۇمۇرنى تاللاپ ھەسسىلەپ دو تىككەتتىم، كېيىن كۆپ دو نومۇر تاللايدىغان بولدۇم، ئاستا-ئاستا بىر يۈرۈش 3D ئويۇنى نۇمۇر تاللاش ماھارىتىنى تېپىپ چىقتىم، بۇ قېتىم كۆپ دو نۇمۇر تاللاپ ھەسسىلەپ دو تىكىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم.»-دېدى.

ما ئۇستام بۇ مۇكاپات پۇلىنى قانداق ئىشلىتىش پىلانى ئۈستىدە توختالغاندا، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ بەك تۇيۇقسىز بولغانلىقىنى، مۇكاپات پۇلىنى قانداق خەجلەشنى تېخى ئويلىشىپ بولالمىغانلىقىنى، ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ ئائىلە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئويلايدىغانلىقىنى، يەنە پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى داۋاملىق قوللاپ، داۋاملىق كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(سانجى چېنجيەنمىڭ)