كەيپىياتنى ياخشى ساقلىغاندىلا خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولالايمىز

ئەلكۈيى تورى
2022-04-12
来源:ئەلكۈيى تورى

3- ئاينىڭ 26- كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى 2022075-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نۇمۇرى «660» بولدى، يەكەن ناھىيەسى 65310142 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، لاتارىيەچى ئەلى ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 25 ھەسسىلىك يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 26000 يۈەن بولدى.

ئەلى ئەپەندى:«مەن 2016-يىلىدىن باشلاپ پاراۋانلىق لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتىمەنئ، نۇرغۇن ئويۇنلارنى ئويناپ باقتىم، باشقا ئويۇنلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەن ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي ھەم قىزىقارلىق بولغان 3D ئويۇنىنى ياخشى كۆرىمەن. ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مەن ھېسابلاپ چىققان نومۇر دائىم مۇكاپات نومۇرى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، شۇڭا نومۇرنى توغرا ھېس قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، مەن نەچچە ھەسسە دو تىكىمەن، دائىم تەلەيلىك ھالدا مۇكاپاتقا ئېرىشىمەن.»-دېدى.

3-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچقۇرۇن، ئەلى ئەپەندى 65310142 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە سېتىۋالدى، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىكى 3D ئويۇن نومۇرىنىڭ تارقىلىشىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، «660» دېگەن بۇ نومۇرىنىڭ شۇ كۈندىكى مۇكاپات نۇمۇرى بۇلۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئەلى ئەپەندى بۇ نومۇرىغا 25 ھەسسە تاللاپ دو تىككەن. كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئەلى ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى ساتقۇچىنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 26 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدى، ئەلى ئەپەندى خۇشال بولغىنىدىن ئاغزىنى يۇمالمايلا قالدى، ۋە دەرھال پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، ئەلى ئەپەندى مۇنداق دېدى:«لاتارىيە سېتىۋېلىپ شادلىققا تولىمىز، لېكىن يەنىلا ھالىمىزغا بېقىپ ئىش قىلىشىمىز كېرەك، ئادەتتىكى كەيپىياتنى ياخشى ساقلىغاندىلا، ئاندىن لاتارىيە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولالايمىز.»-دېدى.

ەشقەر پەن شيەنجيې)