قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە

ئەلكۈيى تورى
2022-04-11
来源:ئەلكۈيى تورى

3- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى ئىبراھىمۆزگەرتىلگەن ئىسمى) خۇشال ھالدا قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات ئالدى، ئۇ 3- ئاينىڭ 26- كۈنى 3D ئويۇنىدا 20 ھەسسىلىك يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 20800 يۈەن بولغان.

قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىدە، ئىبراھىم تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خىزمەتچى خادىملارغا ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەردى. ئىبراھىم:«مەن بىر پېشقەدەم كونا لاتارىيەچى! 3D ئويۇنلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، يەككە تاللاپ ھەسسىلەپ دو تىكىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن، ۋاقتىم بولسىلا 3D ئويۇنلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار ۋە نومۇر تاللاش ماھارەتلىرىنى تەتقىق قىلىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن "ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان ئادەم" لەردىن ئەمەس، ھەر كۈنى بوش ۋاقتىم بولسىلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە سېتىۋېلىپ، سېتىۋېلىش تەسىراتلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، نومۇر تاللاش ئۇسۇلىنى يۇقىرى كۆتىرىمەن.»-دېدى.

3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتە، ئبىراھىم پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ 65310277 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى، ئىلگىرىكى سوغۇق، ئىسسىق نومۇر ۋە قىممىتى قاتارلىق ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى خۇلاسىلەش ئارقىلىق، ئۇ «668، 667، 660، 967، 288» دىن ئىبارەت بەش دو نومۇرىنى تاللاپ، ھەربىرىگە 20 ھەسسە يەككە تاللاش بويىچە دو تىكتى.

شۇ كۈنى كەچتە، 3D ئويۇن 2022075-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى «660» بولۇپ، ئىبراھىم بەختكە يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 20800 يۈەن بولدى. ئۇ خۇشال ھالدا:« كونىلاردا < قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە> دېگەن سۆز بار، كۆڭۈل قويسا چۇقۇم نەتىجىسى چىقىدۇ! ئامەت باشتىن-ئاخىر ماڭا يار بولسۇن-دېدى.

ەشقەر لىيې)