يەكەن ناھىيەسىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 20693 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-07
来源:ئەلكۈيى تورى

3 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنىنىڭ 2022068 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى ، مۇكاپات نۇمۇرى «569» بولدى، يەكەن ناھىيەسى 65318058 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى ئا ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 15 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتى ۋە 31 دو گۇرۇپپا تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 20963 يۈەن بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئا ئەپەندى 3D ئويۇنىنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن، نومۇر تاللاشتا بىر قەدەر ئېھتىياتچان بولۇپ، دائىم نومۇرلارنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ھەر خىل كۆرسەتكۈچلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئاندىن نومۇرنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ، ھەسسىلەپ دو تىكىدىكەن 3-ئاينىڭ 18- كۈنى كەچ سائەت 10دىن ئاشقاندا، ئا ئەپەندى 65318058 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتۈپ، قول سائىتىگە قارىدى، ۋە 2022068-قارارلىق 3D ئويۇننى سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر دەم 3D نومۇرلىرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆزەتتى، ئۇ «659» ، « 569» ، « 956» ، « 389» دىن ئىبارەت تۆت دو نومۇرىنى تاللاپ، ئايرىم تاللاش، گۇرۇپپىلاپ تاللاش ئارقىلىق ھەر قايسىسىغا 10 ھەسسە دو تىكتى. 3 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئا ئەپەندى يەنە 65318058 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتتى، ئۇ «569» دىن ئىبارەت بۇ نومۇرنىڭ شۇ قارارلىق مۇكاپات نۇمۇرى مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى چوڭ دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ، «569» غا بەش ھەسسە تاللاپ دو تىكتى،«569، 224» غا بىر ھەسسە قوشۇپ تاللاپ دو تىكتى. ئامەت كەلسە تۇيۇقسىز كىلىدۇ، شۇ قارارلىق 3D ئويۇننىڭ مۇكاپات نومۇرى دەل « 569» بۇلۇپ، ئا ئەپەندى بەختكە يارىشا 20963 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپاتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ئا ئەپەندى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئادەتتە خىزمىتىم بىر قەدەر ئالدىراش، ئەڭ چوڭ قىزىقىشىم لاتارىيە ئويناش، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن بىر قېتىملىقىم بولدى، مىنىڭچە لاتارىيە سېتىۋالغاندا چوقۇم روھىي ھالەتنى توغرىلاش كېرەك، شۇندىلا خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، ئاقىلانىلىك بىلەن لاتارىيە سېتىۋېلىش، ساغلام روھىي ھالەتتە لاتارىيەسى سېتىۋېلىش، خۇشاللىق بىلەن لاتارىيە سېتىۋېلىش كېرەك

ەشقەر جاڭ يەن)