لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتە تەلەيگە باغلىق ئىش مۇھىمى بەرداشلىق بېرىش

ئەلكۈيى تورى
2022-04-06
来源:ئەلكۈيى تورى

«ئون ھەسسە ئامەت» پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىنىڭ «ئالقىشقا ئېرىشكەن لاتارىيە بىلەت» تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سېتىلىش مىقدارى ياخشى بولۇپلا قالماي، يەنە كۆپ مۇكاپات چىقىدۇ. مانا 3 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچىدىكى لاتارىيەچى جى ئەپەندى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە پەيدا بولۇپ، «ئون ھەسسە ئامەت» ئويۇنىدا ئېرىشكەن 400000 يۈەن مۇكاپاتنى قولىغا ئالدى.

ئىگىلىنىشىچە، جى ئەپەندى ئادەتتە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشقا ئامراق بولۇپ، بولۇپمۇ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىغا بەك ئامراق ئىكەن. لاتارىيە بىلىتىنى سېتىۋالغان ھامان مۇكاپات ئۇچۇرىنى بىلگىلى بۇلىدۇ، ساقلاپ تۇرمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇكاپات كۆپ بولغاچقا خۇشاللىق كۆپ بولىدۇ، لاتارىيە بىلىتىنى قانچە قىرغانسېرى شۇنچە مەنىلىك بولىدۇ. جى ئەپەندى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقىلى ئاز دېگەندىمۇ ئون نەچچە يىل بولغان بۇلۇپ، قوش رەڭلىك توپ، شادلىققىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى قاتارللىقلارغا ناھايىتى قىززىقىدىكەن، بولۇپمۇ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنىغا ئالاھىدە ئامراق بۇلۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئوينايدىكەن، قىممىتى بەش يۈەنلىك ۋە ئون يۈەنلىك لاتارىيە بىلەتلىرىنى قىرىشقا ئامراق ئىكەن. جى ئەپەندى نۇرغۇن پاراۋانلىق لاتارىيەلىرى بىلەت تۈرلىرى ئىچىدە «ئون ھەسسە ئامەت» بىلەت تۈرىنىڭ ئۆزىنىڭ دائىم ئوينايدىغان بىر تۈرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

3- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتە، جى ئەپەندى ئادىتى بويىچە 65010325 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، پۇكەيدە تىزىلغان «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بىلەت تۈرىنى كۆرۈپ، گەپ قىلمايلا پۈتۈن بىر بولاق سېتىۋالدى، ئاندىن پونكىت ئىچىدە ئولتۇرۇپ قىرىشقا باشلىدى. بارماقنىڭ ھەركەتلىنىشىگە ئەگىشىپ، لاتارىيە بىلەتلىرى بىر-بىرلەپ قىرىلىشقا باشلىدى، ئۇمۇ سېلىشتۇرۇشقا ئالدىرىمىدى، بەلكى بارلىق لاتارىيە بېلەتلەرنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن بىر پارچىدىن سېلىشتۇرۇشقا باشلىدى، ئۇ:« ھەي! بۇ يەتتە شۇنچە كۆپ تۇرىدىغۇ، نېمىشقا 27 نۇمۇر يوق؟ بۇ 43 بۇ بىلەتتە چىقىپتۇ! ھەي، ئاران 20 يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ .....»ــ دەۋاتقان جى ئەپەندى بىردىنلا ئەندىكىپ، ئۇھ تارتىپ قويۇپ، ئاندىن لاتارىيەنى يەنە داۋاملىق سېلىشتۇردى، زۇۋان سۈرمىدى.

ـــ «مەن بىر كونا لاتارىيەچى بولۇپ قالدىم، مۇكاپاتقا ئېرىشىشتە تەبىئىي ھالدا تەمكىن بولۇشۇم كېرەك!»-جى ئەپەندى قولىدىكى لاتارىيە بىلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى سېلىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن مال ساتقۇچىلاردىن چوڭ مۇكاپاتنىڭ نەخلەشتۈرۈش تەرتىپىنى سورىدى، مال ساتقۇچى خادىم ئۇنىڭغا مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ كەلسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جى ئەپەندى «بايلىقنى سىرتقا ئاشكارلىماسلىق» تا چىڭ تۇردى ، ئۇ بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى، ھەتتا ئۆيدىكىلىرىگىمۇ ئېيتمىدى، جى ئەپەندى ئۇلارنى بىر ھەيران قالدۇرماقچى بولغان ئىدى!

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، جى ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ: « لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتە تەلەيگە باغلىق ئىش، ئەڭ مۇھىمى بەرداشلىق بېرىش، بەرداشلىق بەرگەندىلا ئامەت كېلىپ قېلىشى مۇمكىن!»-دېدى.

ۈرۈمچى شەھىرى جاڭ مىن)