ۋاڭ ئەپەندى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىدا 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-02
来源:ئەلكۈيى تورى

3 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى ئەتىگەندە، ئەمدىلا ئىشقا چۈشكەن قومۇل شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىمى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن بىر مۇكاپات نەقلەشتۈرگۈچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ لاتارىيەچى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2022024 ـ قاراردا 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى 187504 يۈەن بولغان.

مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ۋاڭ ئەپەندىنىڭ قومۇلغا ئىشلەمچىلىككە كەلگىنىگە ئون نەچچە يىل بولغان بۇلۇپ، مۇقىم خىزمىتى يوق، ھەر كۈنى جاپالىق ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى بېقىش بىلەن بىللە، ئائىلىسىدە بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بار ئىدى، تۇرمۇش بېسىمى ناھايىتى ئېغىر، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ۋاڭ ئەپەندى ئاندا ـ ساندا «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالاتتى، ۋە تۇرمۇشقا بىر كىشىلىك گۈزەل ئارزۇنى قوشۇش ۋاڭ ئەپەندىنىڭ مەقسىتى ئىدى.

خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا، ۋاڭ ئەپەندى نومۇر تاللاشقا ۋاقىت چىقىرالماي، نومۇر ساقلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتۈپ قالسىلا ئۈچ دو ئالتە يۈەنلىك «قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى. 3- ئاينىڭ 6- كۈنى، « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2022024- قاراردا مۇكاپات ئېچىلىدىغان كۈن، ۋاڭ ئەپەندى قومۇل باۋلۇڭ ئەتراپىدا ئىشلىگەچكە، باۋلۇڭ 7- يولى زېيۈ گۈللۈكى 65228002 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپلا نومۇرنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىگە قاراپ، ئۆزى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن كۆك نومۇر 15 نى 02 گە ئۆزگەرتىپ ئالدىراشلا كىتىپ قالدى.

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ۋاڭ ئەپەندى كارىۋاتتا يېتىپ، ئادەتلەنگەن ھالدا سېتىۋالغان «قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بىلىتىنى ئېلىپ 2022024-قارار مۇكاپات نەتىجىسىنى تەكشۈردى، ئۇ تۇيۇقسىز كارىۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، ھاياجانلغان ھالدا:« مۇكاپات چىقتى، مۇكاپات چىقتى! » دەپ ۋارقىرىدى، ئاۋازنى ئاڭلىغان ئايالى ۋە بالىلىرى يۈگۈرۈپ چىقىپ بۇ خۇشخەۋەرنى ئاڭلىدى، بۇ ئائىلە خۇشاللىققا چۆمدى.

خۇشال بۇلۇش بىلەن بىرگە ۋاڭ ئەپەندى يەنە ناھايىتى ئەپسۇسلاندى، چۈنكى ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق نومۇر ئۆزگەرتىشى بىلەن بەش مىليون يۈەنلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن يۈز نەچچە مىڭ يۈەنلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئۆزگىرىپ قالغان ئىدى، ئايالى دەرھال تەسەللى بېرىپ:«قانائەتچان كىشىلەر دائىم خۇشال بولىدۇ، بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان پۇلى بار بولدى، بىزنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىمىز ھەل بولدى، بەلكىم بالىلار توي قىلىدىغان چاغدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن!»-دېدى.