لاتارىيەچى: لاتارىيە ئويۇنى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ھەم قىزىقارلىق ئىكەن

ئەلكۈيى تورى
2022-03-31
来源:ئەلكۈيى تورى


يېقىندا، پاراۋانلىق لاتارىيە بىلەن تۇنۇشقىلى تېخى يېرىم يىلغىمۇ يەتمىگەن غۇلجا شەھىرىدىكى لاتارىيەچى شياۋجاڭۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 36390 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى، بۇ ئۇنى بەكلا خۇشال قىلىۋەتتى. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بۇ ئامەتلىك لاتارىيەچىنىڭ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىش كەچۈرمىشىنى چۈشىنىپ باقايلى!

شياۋ جاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ يېرىم يىل ئىلگىرى دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن 3D ئويۇنى بىلەن ئۇچراشقان، ئەينى چاغدا دوستى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، مۇكاپات خوشاللىقىدىن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بەھرىلەنگەن، يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىللە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالغان. شياۋجاڭ تۇغۇلۇشىدىنلا سانغا سەزگۈر، 3D ئويۇنلىرى ئاددىي، چۈشىنىشلىك بولغاچقا، پەقەت بىر قېتىملا سىناپ بېقىش بىلەنلا شياۋجاڭ بۇ ئويۇننى ياخشى كۆرۈپ قالغان. 2 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، شياۋجاڭ غۇلجا شەھىرىدىكى 65410124 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ساتقۇچى بىلەن سالاملىشىپ قويۇپلا ئۇدۇل 3D ئويۇن نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆزىشتىش ئۈچۈن قاراپ ماڭدى، تەھلىل قىلىپ بىر نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا، ئۇ بەش دو تىكىش نومۇرىنى تاللاپ، يەككە گۇرۇپپىلاپ 30 ھەسسە دو تىكتى.

شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلغاندا، شياۋجاڭ يان تېلېفون ئارقىلىق مۇكاپات نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ھەيرانلىق ۋە خۇشاللىق بىلەن بايقىدى، جەمئىي 30 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتى ۋە 30 دو گۇرۇپپىلاپ تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 36390 يۈەن بولدى. شياۋجاڭ ئىلى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپاتقا نەخلەشتۈرگەندە، ھاياجانلانغان ھالدا3D ئويۇنى ئويناپ كىلىۋاتقىلى ئەمدىلا يېرىم يىل بولدى، بۇنچە كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. لاتارىيە ئويۇنى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ھەم قىزىقارلىق ئىكەن! »-دېدى.