ياش يىگىت قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنىدا 250 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-03-31
来源:ئەلكۈيى تورى

3- ئاينىڭ 2- كۈنى، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى شياۋماۇا فامىلىلىك) خۇشال ھالدا ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، ئۆزىگە تەۋە 250 مىڭ يۈەن مۇكاپاتنى قولىغا ئالدى. شياۋمانىڭ يېشى كىچىك بولغىنىغا، لاتارىيە سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان. بۇ ياش يىگىت مۇنداق دېدى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى دەرھال مۇكاپات ئېچىش، ھەم تەتقىق قىلىش نومۇرى ھاجەتسىز، تېز ھەم قولايلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كىشىنى ناھايىتى جەلىپ قىلىدۇ، شۇڭا بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شياۋما پەقەت «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلاپ كەلگەن.

3-ئاينىڭ 1-كۈنى، شياۋما قولىدىكى ئىشنى تۈگىتىپ شىركەتكە قايتىش يولىدا غۇلجا شەھىرىدىكى 65410334 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتتى، لاتارىيە سېتىۋېلىش شياۋماغا نىسبەتەن چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىدى، شياۋما پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ ئالدى بىلەن قىممىتى بەش يۈەنلىك بىر نەچچە تال قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى، ھەممىسى نەتىجىسىز بولۇپ چىقتى، ئۇ يەنە بىر نەچچە پارچە قىرىشقا تەييارلانغاندا، بىر چەتتە تۇرغان 10 يۈەنلىك « 66 شۈن، 88 ڧا» لاتارىيە بىلىتى كۆردى، ۋە لاتارىيە بېلەتنىڭ خېلى ياخشى مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىككى پارچىنى ئېلىپ قىرىشقا باشلىدى، ئىككىنچى پارچىسىنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن، يىگىتنىڭ كۆز ئالدى يورۇپ كەتتى، بۇ لاتارىيە بېلىتىدە « 88» دېگەن نومۇرلا پەيدا بولدى، ئۇ پىچىرلاپ: « مۇكاپات چىقتى! قارىغاندا ئادەتتە پونكىتلار ئالدىدىن ئۆتكەندە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقىدىغان ئادەتنى داۋاملىق ساقلاش كېرەكتەك قىلىدۇ، ھى ھى!»-دېدى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن سۈرەت بەلگىسىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپات سوممىسىغا قارىغاندىن كىيىن، كۆزىنى ئۇۋۇلاپ بىر نەچچە قېتىم جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئىشەندى، مۇكاپات سوممىسى 250000 يۈەن بولغان ئىدى.

مۇكاپات پۇلىنى قولىغا ئالغان شياۋما خۇشال ھالدا: « مەن ھازىر تېخى ياش، يەنە داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمغا توغرا كېلىدۇ، بۇ مۇكاپات پۇلىنى ئالدى بىلەن ئۆيدىكىلەرگە ساقلاپ بېرىشكە بېرىمەن!»-دېدى.