لاتارىيەچى : لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىشتىكى ئىزچىللىقنى ساقلاش كېرەك

ئەلكۈيى تورى
2022-03-30
来源:ئەلكۈيى تورى

2022 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، سانجى ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى شياۋ ۋېي 65452305 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەن شياۋ ۋېي مال ساتقۇچى چېن ئاكا بىلەن «قوش رەڭلىك توپ» نىڭ نومۇر چىقىش ئەھۋالى ئۈستىدە پاراڭلاشتى، نېمىلا دېگەن بىلەن « قوش رەڭلىك توپ» نى ياخشى كۆرىدىغان لاتارىيەچىلەر ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر كۈندە 5 مىليون چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ئەگەر راستتىنلا مۇشۇنداق بىر كۈن بولغان بولسا، ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى.

شياۋۋېينىڭمۇ 5 مىليون يۈەنلىك چوڭ ئارزۇسى بار، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بوش ۋاقتى بولسىلا، شياۋۋېي پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ، 10 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە پۇل خەجلەپ « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىغا دو تىكىدۇ، بەزىدە ئاپتوماتىك نۇمۇرى تاللايدۇ، بەزىدە ئۆزى تاللايدۇ، بۇمۇ ئۆز تەقدىرىگە ئازراق ئامەت قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ، شياۋۋېينىڭ قارىشىچە، ئامەت دېگەنلىك كۆپ قېتىم ئۆزى ئۈچۈن پۇرسەت ياراتقانلىق بىلەن باراۋەر ئىدى.

بىر قېتىم سېتىش خادىمى بىلەن پاراڭلاشقاندىن كېيىن، شياۋ ۋېي « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇن نومۇرىنىڭ باشلىنىش-تارقىلىش خەرىتىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، 3 دو نومۇر تاللىدى، ئارقىدىن يەنە ئاپتوماتىك 2 دو نومۇر تاللىدى، شۇنىڭ بىلەن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئالدىراپ ئايرىلدى، ئۇ ئويلىمىغان يەردىن « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2022017-قاراردا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، شياۋ ۋېي تاللىغان 3 دو نومۇردا مۇكاپات چىقمىغان، ئاپتوماتىك 2 دو نۇمۇردا مۇكاپات چىققان بۇلۇپ « قوش رەڭلىك توپ» 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مۇكاپات سوممىسى 143395 يۈەن بولغان، ئويلىمىغان يەردىن كەلگەن بۇ خۇش خەۋەر شياۋۋېينى ھەيران قالدۇردى، ئۇ ناھايىتى خۇشال بولدى.

2 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، شياۋ ۋېي سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۆيىگە كېلىپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«ھەقىقەتەن ئويلىماپتىمەن، مەن قانداقسىگە بۇنچە كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيمەن! بۇ راستىنلا كونىلار دېگەندەك "مەقسەتلىك ھالدا گۈل تىكسەڭ ئېچىلمايدۇ، مۇنداقلا تال تىكىپ قويساڭ ئويلىمىغان يەردىن مەجنۇنتاللار سايە تاشلاپ تۇرىدۇ!"دېگەندەك ئىش بولدى، لېكىن ھازىر مەن ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاش ئارقىلىقمۇ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنەلمەي قېلىۋاتىمەن، تەلىيىم بەك تۇيۇقسىز كەلدى، بۇ مۇكاپات مېنىڭ يېڭى بىر يىللىق تۇرمۇشۇمغا ئامەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

ئاخىرىدا، تەھرىر بۇ يەردە لاتارىيەچىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، لاتارىيە سېتىۋېلىش روھىي ھالىتى چوقۇم تىنچ، ئاقىلانە بولۇشى كېرەك، لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىشتىكى ئىزچىللىقنى ساقلاش كېرەك، لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىش جەريانىدىكى خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، كاتتا مۇكاپاتنىڭ تۇيۇقسىز چىقىشىنى كۈتىش كېرەك.