كەم سۆز لاتارىيەچى شياۋۋاڭ يۈز مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-03-29
来源:ئەلكۈيى تورى

3 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتە، شىخەنزە شەھىرىدىكى 65030060 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى شياۋليۇ پونكىتتىكى ئادەم ئاز ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، تازىلىق قىلىۋاتقاندا، لاتارىيەچى شياۋ ۋاڭۆزگەرتىلگەن ئىسىم) كىرىپ كەلدى. شياۋۋاڭ 30 نەچچە ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئادەتتە بۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا ئانچە كەلمەيتتى، بەزىبىر ۋاقىتلاردا كىلىپ «قىرىپ خۇشالللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالاتتى، شۇڭا شياۋليۇنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىراتى ئانچە چوڭقۇر ئەمەس ئىدى، مال ساتقۇچىسى شياۋليۇ قولىدىكى ئىشنى قويۇپ ئۇنى كۈتۈۋالدى.

شياۋۋاڭنىڭ سۆزى كۆپ ئەمەس ئىدى، ئۇ ئون نەچچە پارچە ئوخشاش بولمىغان «قىرىپ خۇشالللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى تاللاپ، پۇكەيگە ئەڭ يېقىن ئۈستەل يېنىدا ئولتۇردى، بىردەمدىن كېيىن تاللانغان «قىرىپ خۇشالللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بىلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تۈگەتتى، شياۋۋاڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى پۇكەيگە ئېلىپ بېرىپ شياۋليۇغا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بېرىشنى ئېيتتى. شياۋليۇ شياۋۋاڭغا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بېرىۋاتقاندا، يەنە بىر پېشقەدەم لاتارىيەچى پونكىتقا كىرىپ بولاق «چېمپىيون» لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى ۋە تىزىملىتىش پونكىتىدىن ئايرىلدى. شياۋ ۋاڭ «چېمپىيون» دېگەن بۇ بىلەتنى كۆرۈپ باقمىغان، شۇنىڭ بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 80 يۈەن مۇكاپات پۇلىنى تۆت پارچە «چېمپىيون» قا ئالماشتۇردى، ئۇ ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىنى قىرىۋاتقاندا، بۇ بېلەتنىڭ بىرىنچى قۇرسىدا بىر « مېدال» بەلگىسى پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان، رەسىملىك بەلگىنىڭ ئاستىدىكى مۇناسىپ مۇكاپات سوممىسى 1000000 يۈەن بولغان.

شياۋ ۋاڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە جەزم قىلالماي، مۇكاپات چىققان بۇ بېلەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئېشىپ قالغان بېلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تۈگەتتى. كېيىن ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق بېلەتلەرنى قولىغا ئېلىپ، شياۋليۇدىن تەمكىنلىك بىلەن سورىدى: ـــ«قاراڭ، بۇ بېلەتكە بىر مىليون يۈەن مۇكاپات چىققانمىدۇ؟ بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتنى بۇ يەردە نەقلەشتۈرەمدۇ؟»-دەپ سورىدى، مال ساتقۇچى شياۋليۇ ھەيران بولغان ھالدا: ـــ«ھە؟ قانچىلىك چىقتى؟ قېنى مەن كۆرۈپ باقاي!»-دېدى شياۋليۇ شياۋۋاڭغا، مۇكاپات چىققانلىقى مۇقۇمدالغاندىن كىيىن، شياۋليۇ شياۋۋاڭغا ئۆنىڭ ھەقىقەتەن 1 مىليون يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى، پەقەت ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات نەخلەشتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەتىسى سەھەردە، شياۋ ۋاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەخلەشتۈردى، ئۇ كەمتەرلىك بىلەن ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ ناھايىتى تىنچ ئىكەنلىكىنى، مىليون يۈەن مۇكاپات ئالغانلىقى ئۈچۈن بەك خۇشال بولۇپ كەتمىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ئامىتىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(شىخەنزە جاڭفەن)