لاتارىيەچى: لاتارىيە سېتىۋېلىش بوش ۋاقتىلاردىكى قىزىقىشىنىڭ بىرى

ئەلكۈيى تورى
2022-03-29
来源:ئەلكۈيى تورى

2 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى 2022021-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، كۈنەس ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى لاۋياڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى) ئون يۈەنلىك بىر پارچە لاتارىيە بىلىتىگە تايىنىپ، بىر دو 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ھەم بىر قانچە كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 446383 يۈەن بولدى. ئەتىسى، ياڭ ئەپەندى ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە مۇكاپاتنى ئالدى.

ياڭ ئەپەندى مۇنىلارنى بىلدۈردى: لاتارىيە سېتىۋېلىش ئۇنىڭ بوش ۋاقتىدىكى قىزىقىشىنىڭ بىرى بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قوش رەڭلىك توپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنى ئىكەن. لاتارىيە سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرغان بۇ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ياڭ ئەپەندى ئىزچىل قوش رەڭلىك توپ نومۇرىنى تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەن، ئۇ بۇنداق ئويناشتا قاتنىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك، لەززىتى تېخىمۇ كۆپ دەپ قارىغان. ۋاقىت كەڭرى چاغلاردا ياڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونىتىغا كىرىپ قوش رەڭلىك توپ نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ تەپسىلىي تەھلىل قىلىدۇ، ئەستايىدىل تاللايدۇ، ۋاقىت قىس بولغاندا ئىلگىرى دو تىككەن نومۇرنى كۆپەيتىپلا دو تىكىدۇ. 2- ئاينىڭ 27- كۈنى ياڭ ئەپەندى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن كۈنەس ناھىيەسىدىكى 65412503 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ، ئادەتتىكىگە ئوخشاش قوش رەڭلىك توپ نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسى ئالدىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ كۆڭلىدىكى نومۇرنى تاللىدى، ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ بەش دو يەككە نۇمۇرغا دو تىكتى.

شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، ياڭ ئەپەندى ئۆيىدە تورغا چىقىپ نومۇرنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز ھاياجانلانغان ھالدا پۇتىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ: « ماڭا مۇكاپات چىقتى! 440 مىڭ يۈەن!»-دەپ توۋلاپ كەتتى، ئارزۇ ئاخىرى رىئاللىققا ئايلاندى، بۇنىڭ بىلەن ياڭ ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شادلىققا چۆمدى. ياڭ ئەپەندىنىڭ ئايالى ئالدى بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈپ: « لاۋياڭ! مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاۋۋال سىزگە يېڭى ماشىنا سېتىۋالالايلى-دېدى.