لى ئەپەندى «قوش رەڭلىك توپ» ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-03-18
来源:ئەلكۈيى تورى

يېقىندا تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن لاتارىيەچى لى ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، خۇشالۇرام ھالدا 245367 يۈەن مۇكاپاتنى ئېلىپ كەتتى.

لى ئەپەندىنىڭ كۈيتۈن شەھىرىدە تۇردىغان بۇلۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقىنىغا ئون يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان ئىدى، ئەمما روھىي ھالىتى ناھايىتى تەمكىن ئىدى. «مەنمۇ لاتارىيەنى قەرەللىك سېتىۋالمايمەن، بەزىدە بەك ئالدىراش بولۇپ كەتسەم ئۇنتۇپ قالىمەن، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆزۈمنى ئەركىن قويۇپ بېرىش، كۆڭۈل ئېچىش ھېسابلىنىدۇ»-دېدى لى ئەپەندى.

3 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، لى ئەپەندى قولىدىكى ئىشنى تۈگىتىپ سەل چارچىغاندەك ھېس قىلىپ، كۈيتۈن شەھىرىدىكى 65400141 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر نەچچە تال قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، نەچچە ئون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «تەم» نى ئالماشتۇرماقچى بولۇپ، 14 يۈەن خەجلەپ بىر قوش رەڭلىك توپ « 7 + 1» قىزىل رەڭلىك توپ تەكرار بېلىتى سېتىۋالدى. كاتتا ئامەتنىڭ مۇشۇنداقلا كىلىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلغاندا، لى ئەپەندى تارللىغان بارلىق قىزىل توپ نۇمۇرلار تۇلۇق چققان، جەمئىي 1 دو 2-دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە 6 دو 4-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 245367 يۈەن بولغان. بۇ مول نەتىجىنى كۆرۈپ، لى ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ:« بۇنداق مول مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.» -دېدى.

لى ئەپەندى مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن:« لاتارىيە سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقانقىنىمغا كۆپ يىل بولغان، تۇنجى قېتىم بۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم، بۇ مۇكاپاتنى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى ئېلىپ كەلمىگەن، ئەكسىچە مەن ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى ئېلىپ كەلدى، بۇ كاتتا مۇكاپات ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدۇ! بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ بارلىق ئويۇنلىرىغا كۆڭۈل قويۇپ مۇئامىلە قىلىمەن!»-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)