لاتارىيەچى: پاراۋانلىق لاتارىيە خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ

ئەلكۈيى تورى
2022-03-15
来源:ئەلكۈيى تورى

«شادلىقئۇيۇنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ئويناش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇش، مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش، كۈندە مۇكاپات تارقىتىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن، لاتارىيەچى دوستلارنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى. 2 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى كەچتە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسىدىكى ۋۇسەيۋەن 65230248 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، ئامەتلىك لاتارىيەچى «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا 1 دو «بەشنى تاللاش» ئۇسۇلى تۆت دەنما تۇلۇق چىققان بۇلۇپ ، 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

65230248 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى پىشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، يىل بويى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرغان. 22-فېۋرال، جاڭ ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئادەتتىكىگە ئوخشاش پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، پېشقەدەم لاتارىيەچى دوستلار بىلەن بىر پەس پاراڭلىشىپ، مۇزاكىرە قىلىپ، كۆپچىلىك ياخشى كۆرىدىغان نومۇرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر پارچە «شادلىق 8» ئويۇنى بەشنى تاللاش ئۇسۇلى تۆت دەن چۈەن تو لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى، شۇ كۈنى كەچ مۇكاپات ئېچىلغاندىن كىيىن، جاڭ ئەپەندى ئۆزى سېتىۋالغان لاتارىيە بىلىتىدىن مۇكاپات چىققانلىقىنى بايقىدى، ۋە دەرھال لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ مۇكاپات نەخلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئاتلاندى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بولغان جاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:« ئىلگىرى "شادلىق 8" ئۇيۇنى ئوننى يەككە تاللاش، توقسان دانە قايتىلانما نۇمۇر تاللاش قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرەتتىم، بۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەمەلىي جەڭ مەشىقى ئارقىلىق، يەنىلا دەن تو ئارقىلىق دو تىكىپ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ تېخىمۇ ئاسان، تېخىمۇ قىزىقارلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئادەتتە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچىلەر بىلەن بىرلىكتە نومۇرنى مۇلاھىزە قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، ھەمدە ئۆزىمنىڭ سەزگۈسىگە بىرلەشتۈرۈپ دو تىكىمەن، پەقەت تەلىيىم كەلسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشىشتەك ياخشى ئىشلارنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ-دېدى.

جاڭ ئەپەندى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، « شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ باشقا ئويناش ئۇسۇللىرىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ، لاتارىيە سېتىۋېلىشنى بىر خىل ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىراش خىزمەت، تۇرمۇشىغا بىر خىل يېڭى خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(جىمىسار يەنياۋ)

微信截图_20220425142510.png