لاتارىيەچى « قوش رەڭلىك توپ» 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-03-15
来源:ئەلكۈيى تورى

چاغاننىڭ 15ـ كۈنى چاغان ئۆتۈپلا، كۆپچىلىك يولۋاس يىلى شادلىقىغا چۆمدى، سانجى شەھىرىدىكى بىر لاتارىيەچى « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىدا 143390 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى ساتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى يېقىن ئەتراپتىكى ئولتۇراق رايوننىڭ ئاھالىسى بولۇپ، 40 ياشتىن ئاشقان، سەمىمىي، ساددا كىشى ئىكەن، ھەر قېتىم پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلگەندە، ئۆزى ساقلاۋاتقان بىر دو نومۇر بىلەن ياخشى ھېس قىلغان نومۇرنى بىرلەشتۈرۈپ دو تىكىدىكەن، ئەگەر ياخشى ھېس قىلمىغان بولسا تاللىماي، پەقەت دو تىككەن بىر دو نومۇرنىلا تاللايدىكەن. 2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، 65230111 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ دائىملىق مېھمىنى ۋە «قوش رەڭلىك توپ» غوللۇق سادىق مەستانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ يەنە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، شۇ كۈنى تارقىلىش خەرىتىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، تۆت قېتىم نومۇر قوشۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر دو نومۇرىغا دو تىكتى، دو تىكىش سوممىسى 10 يۈەن بولدى. ئويلىمىغان يەردىن 17-چېسلا « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2022017-قارار مۇكاپات ئېچىلغاندىن كىيىن، ئۇ دو تىككەن بەش دو نومۇردىكى بىر دو « قوش رەڭلىك توپ» 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مۇكاپات سوممىسى 143390 يۈەن بولغان.

مۇكاپات ئالغاندا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى سەمىمىيلىك بىلەن: « ھەقىقەتەن ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن ئىكەن، مېنىڭ < قوش رەڭلىك توپ> قا بولغان سادىقلىقىم، قىزغىنلىقىم ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىم ئاخىر قوللاشقا ئېرىشتى»-دېدى. لېكىن، ئارقىدىنلا ئۇ يەنە ئەپسۇسلانغان ھالدائەگەر ئەينى ۋاقىتتا بىر كىچىك قايتىلانما تاللىغان بولسام، « 6 + 16» بەلكىم بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشەلىشىم مۇمكىن ئىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن بىر كۆك نومۇرلا كەم ئىدى، كېيىن لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، قايتىلانما ئويناش ئۇسۇلىنى تاللىسام بولغۇدەك!»-دېدى.

مۇكاپاتنى نەخلەشتۈرگەندىن كىيىن، لاتارىيەچى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋاملىق «قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بىلىتىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيىسى ئىشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى!

(سانجى سۈن شۇرېن)