كونا پىشقەدەم لاتارىيەچى 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-03-09
来源:ئەلكۈيى تورى

يېقىندا «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىدا مۇكاپات چىققانلىق خۇش خەۋەر خۇددى قەندالەت بولۇپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تۇتاش چىقىپ تۇردى. بايىنغولىن ئوبلاستى كورلا شەھىرىدىكى لاتارىيەچى «ئامەت كەلدى» لاتارىيە بىلەت تۈرىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپات 200 مىڭ يۈەنگە ئېرىشتى.

سۇڭ ئەپەندى بولسا «كونا» لاتارىيەچى بۇلۇپ ، ھەر كۈنى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ «يوقلىمىدىن ئۆتىدۇ» ، ۋە « قوش رەڭلىك توپ» ، « 3D» ، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى قاتارلىقلار ئۇيۇنلارنى ئوينايدۇ. 2 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتە، سۇڭ ئەپەندى كورلا شەھىرىنىڭ خۇيشۈيچۈ يولىدىكى 65280272 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتتى، ئۇ «يوقلىمىدىن ئۆتۈش»نى ئەلۋەتتە ئۇنتۇپ قالمايدۇ دە، شۇنىڭ بىلەن سۇڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كەلدى. سۇڭ ئەپەندىنىڭ مۇكاپات ئېلىش ئادىتى شۇكى، ئالدى بىلەن بىر نەچچە پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ بىر تەرەپتىن قىرىپ بىر تەرەپتىن مۇكاپات ئالماشتۇرىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: «راست گەپنى قىلسام، مەن قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى ئويناشقا ئامراق، نېمىنى كۆرسەم شۇنى ئېلىۋېرىمەن، ئەزەلدىن مۇقىم ئەمەس-دېدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سۇڭ ئەپەندى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بىلەت تۈرى لاتارىيە بىلەتلىرىنى نۆۋەت بىلەن قىرىپ چىقىشنى پىلانلىدى. ئۇ ناھايىتى تېزلا قىرىپ قىممىتى بەش يۈەنلىك «ئامەت كەلدى» لاتارىيە بىلەت تۈرى لاتارىيە بىلىتىنى قىرىش ھالقىسىغا كىرىپ، تۇنجى پارچە «ئامەت كەلدى» لاتارىيە بىلىتىنى قىرىدى لېكىن مۇكاپات چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن سۇڭ ئەپەندى ئۆزۆزىگە: « كېيىنكى پارچىسدا يەنە مۇكاپات چىقمىسا، ئەمدى ئۆيگە قايتاي!»-دېدى، ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، ئىككىنچى پارچە «ئامەت كەلدى» لاتارىيە بىلىتىدە ئىسخېمىدا رەقەم پەيدا بولۇپ، بۇ رەقەم 200 مىڭ يۈەن ئىدى.

«ئامەت كەلدى»لاتارىيە بىلەت تۈرىنىڭ ئويۇن قائىدىسىگە ئاساسەن، لاتارىيەدىن ھەرقانداق مۇكاپات سوممىسى چىقسا، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

« 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى، راست گەپنى قىلسام، كاللام بىردىنلا ۋىڭىلداپ كەتتى... »-شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىنىدە، سۇڭ ئەپەندى خىجىل بولغان ھالدا كۈلۈپ كەتتى. ـــ بىراق، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالدىم، ئاساسلىقى بۇنداق ياخشى ئىشنىڭ ئۆزۈمدە يۈز بېرىشىگە ئىشەنمەيمەن قالغان ئىدىم، ھى ــ ھى!»-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)