سانجىدىكى لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى 10400 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-03-09
来源:ئەلكۈيى تورى


پاراۋانلىق لاتارىيەدىكى ئامەت كىلىمەن دەپلا كىلىدۇ، ئادەمنى ھەيران قالدىرىدۇ، 40 يۈەن بىلەن دو تىكىپ نەچچە ئون مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىششتەك خۇشاللىق ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، مانا مۇشۇنداق كىشىنى خۇشال قىلدىغان ئىش سانجىدىكى ئامەتلىك لاتارىىيەچى جاڭ ئەپەندىدە يۈز بەردى.

8-مارت، ئاياللار بايرىمى ھەممە شادلىققا چۆمگەن كۈن، شۇنداقلا سانجىلىق لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندىنىڭ تەلىيى كەلگەن كۈن ئىدى. شۇ كۈنى، 3D ئويۇنى 2022057-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى« 546» بولۇپ، جاڭ ئەپەندى 65230224 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچىلەر ئىچىدىن ئۈزۈپ چىقىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى. شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات پۇلىنى ئالغان جاڭ ئەپەندى خۇشاللىقتىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى...

جاڭ ئەپەندى سودىگەر بولۇپ، دۇكان ئاچاتتى، ئادەتتە دۇكاندا ئىش يوق چاغلاردا، ئۇ يېقىن ئەتراپتىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتىدا لاتارىيە بىلەت سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرەتتى. نۇرغۇن ئويۇنلار ئىچىدە، ئۇ 3D ئۇيۇنى ئويناشقا ئەڭ ئامراق ئىدى، كۆپ يىللىق تەتقىقاتتىن كېيىن، ئۇ لاتارىيەچىلەر ئىچىدە «ھەممە بىلىدىغان» داڭلىق ئادەم بولۇپ قالدى، كۆپچىلىك ئۇنى سەمىمىيلىك بىلەن « 3D مۇتەخەسسىسى» دەپ ئاتىشاتتى.

« 3D مۇتەخەسسىسى» دېگەن بۇ نامغا جاڭ ئەپەندى ھەقىقەتەن لايىق ئىدى، پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆزگىچە كۆز قارىشىغا قايىل بولماي تۇرالمايدۇ! 8-مارت كەچتە، جاڭ ئەپەندى دائىم بارىدىغان 65230224 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئالدىن بىر دو نومۇرىنى تاللىدى، ئاندىن كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۇ 5، 4، 6 دىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نۇمۇرنىڭ ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭلۇقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى دو نومۇرىغا قارىتا ئون ھەسسە يەككە دو تىكىش ئېلىپ باردى، دو تىكىپ بولغاندىن كېيىن دۇكانغا قايتىپ كەتتى.

شۇ كۈنى كەچتە 3D ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلدى، جاڭ ئەپەندى مۇكاپات نومۇرىنىڭ 546 ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، كۆڭلىدىكى خۇشاللىقىنى باسالماي قالدى، كۆڭلىدە شۇ كۈندىكى «شانلىق نەتىجە» نى ھېسابلاپ، بىر دو 10 ھەسسە يەككە تاللاش مۇكاپاتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 10400 يۈەن بولغان ئىدى.

شۇ كۈنى كەچتە، جاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشتەك بۇنداق ياخشى ئىشتا تەلەينىڭ بىر قەدەر مۇھىم بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سەككىز يىللىق لاتارىيەچى بولۇش سۈپىتى بىلەن پاراۋانلىق لاتارىيە ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، شۇنداقلا لاتارىيە كۆپچىلىك پاراۋانلىقى مەدەنىيىتىنىمۇ ھېس قىلىپ كەلگەن ئىدى، جاڭ ئەپەندى:«مۇكاپات چىقسا ئەلۋەتتە ياخشى، مۇكاپات چىقمىسىمۇ ھېچقىسى يوق»-دېدى.

(سانجى چېنجيەنمىڭ)