لاتارىيەچى ئۆزگىچە نۇمۇر تاللاش ئارقىلىق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-03-08
来源:ئەلكۈيى تورى

لاتارىيە سېتىۋېلىش قوشۇنى ئىچىدە، لاتارىيەچىلەرنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش شەكلى ھەر خىل بولۇپ، بەزىلەر ئۆزى تاللاپ دو تىكىدۇ، بەزىلەر ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاش ئارقىلىق دو تىكىدۇ، يەنە بەزىلەر... تەھرىرنىڭ بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان گۇچۇڭ ناھىيىسىدىكى بۇ لاتارىيەچىنىڭ دو تىكىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇ يان تېلېفون ھەرىكەتچان رەسىم كەسمە رەسىمى ئارقىلىق نومۇر تاللىغان لاتارىيەچى، «شادلىق 8» ئويۇنى 2022043-قاراردا 23200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، يان تېلېفوننىڭ ھەرىكەتچان رەسىمىدىن پايدىلىنىپ نومۇر تاللاپ دو تىكسىمۇ مۇكاپات چىقىپتۇ، تەھرىر ھەقىقەتەن قايىل بولدى ۋە ئىختىيارسىز خورسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى :«ئامەت مانا مۇشۇنداق سىرلىق!».

2022 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، »شادلىق 8» ئويۇنى 2022043-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، 0315162023252729353743515354616364717577 نۇمۇرلار چىقتى. شۇ قاراردا، مەملىكەت بويىچە جەمئىي ئوننى تاللاپ توققۇز چىقىشتا 84 دو مۇكاپات چىققان، بۇنىڭ ئىچىدىن شىنجاڭ رايونى ئىچىدە 8 دو چىققان، بۇنىڭ ئىچىدىن 1 دو مۇكاپات گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ دۇڭگۇەن كوچىسى 65230130 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن چىققان.

2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى سۈن ئەپەندى سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى. بېلەتنىڭ يۈزىنى تەپسىلىي كۆزەتكەندىن كېيىن، مۇكاپات چىققان بۇ لاتارىيە بېلىتىدە 11 كىچىك قايتىلانما «شادلىق 8» ئىشلىتىلگەن، يەككە بىلەتكە 22 يۈەن دو تىككەن، شۇ قارار ئوننى تاللاپ توققۇز چىقىش مۇكاپات ۋە باشقا مۇكاپاتلار قۇشۇپ ، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 23200 يۈەن بولغان.

ئىگىلىشىمىزچە، سۈن ئەپەندى گۇچۇڭدىن بولۇپ، دۇڭگۇەن كوچىسىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئەتراپىدا تۇرىدىكەن، ئۇ ئىزچىل لاتارىيە ئويۇنلىرىنى قىزغىن سۆيۈپ كەلگەن ئىكەن. 2022 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، شۇ كۈنى 100 يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان ياخشى كۈن __«مۇھەببەت بار كۈن»، سۈن ئەپەندى بۇ كۈنى بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، نومۇر تاللىماي سىناپ باقماقچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنى ئېچىپ، باشقا لاتارىيەچى دوستلار تارقاتقان ھەرىكەت ھالىتىدىكى «شادلىق 8» ئۇيۇنى ناملىق نومۇر تاللاش ۋىدىئوسىنى كۆردى، سەكرىگەن رەقەملەرنى كۆرۈپ، ئىلھامى كېلىپ ۋىدىئونى سۈرەتكە تارتىپ رەسىمگە قاراپ نۇمۇر تاللاپ دو تىكتى.

سۈن ئەپەندىنى ھەيران قالدۇرغان ھەم خۇشال قىلغان ئىش يۈز بەردى، شۇ كۈنى كەچتە «شادلىق 8» ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلىپ ، ئۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى. سۈن ئەپەندىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلاپ تەھرىرمۇ ھاڭ تاڭ قالدى، گۇچۇڭدىكى بۇ لاتارىيىچىنىڭ تەلىيى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، ھەقىقەتەنمۇ YYDS ئىكەن!

مۇكاپات پۇلىسىنى ئالغاندىن كىيىن، سۈن ئەپەندى ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۆزىنىڭ چاقچاق ئورنىدىكى ھەركىتىنىڭ 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىى بىلدۈردى، ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، تەلەي كەلسە توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ!

(سانجى فېڭرۇي)