گەرچە مۇكاپات سوممىسى يۇقىرى بولمىسىمۇ ئەمما لەززىتى چەكسىز

ئەلكۈيى تورى
2022-03-04
来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى « يىنخۇ نافۇ» نىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىنى ياخشى كۆرىدىغان لاتارىيەچىلەر يەنە يېڭى خۇشاللىققا ئېرىشتى. 2 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، «يىنخۇ نافۇ» نىڭ 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىنى ئالدى.

پەيزاۋات ناھىيەسى 65318011 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ھەۋەسكارلىرى بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بىلىتى قىرىدىكەن. 2- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتە، ۋاڭ ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65318011 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئۇ يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى « يىنخۇنافۇ» بېلەتلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، بىردىنلا قىزىقىپ قالدى ـ دە، بىرنى سېتىۋېلىپ قىرىشقا باشلىدى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ بىرىنچى رەسىم بەلگىسىنى قىرىپلا مۇكاپات چىققانلىقىنى بايقىدى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى...بىر پارچە لاتارىيە بىلىتىدىكى رەسىم بەلگىسىنىڭ ھەممىسدىن مۇكاپات چىققان ئىدى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 10000 يۈەن بولغان.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: « راست گەپنى قىلسام، مەن ئىلگىرى "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئويۇنى ئويناپ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باققان، لېكىن بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىكى ئاجايىپ كەچۈرمىشلەرگە ئوخشىمايدۇ. بىر پارچە لاتارىيە بېلەتنىڭ ئىچىدە، ھەر بىر بەلگىگە مۇكاپات بار... ناھايىتى ھەيران قالارلىق ئىش بولدى، گەرچە مۇكاپات سوممىسى يۇقىرى بولمىسىمۇ ئەمما لەززىتى چەكسىز! »-دېدى.