ئامەتلىك قازاق يىگىت ئېركىن 80000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-03-03
来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ كۆپ خىل ئويۇنلىرىدا، ئوخشاش بولمىغان لاتارىيەچى دوستلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشى بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئادەم ساقلاپ تۇرغاندا، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن دىققەت قىلمايلا « قوش رەڭلىك توپ» ، « يەتتە خىل رەڭلىك توپ» ، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ياكى « شادلىق 8» ئويۇنى مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، تۆۋەندە بىز بۇ تەلەيلىك لاتارىيەچىنىڭ 80 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا قانداق ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

2- ئاينىڭ 22- كۈنى، 21 ياشلىق قازاق يىگىت ئېركېنۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان كىچىك ماگىزىندىن تاماكا سېتىۋېلىپ، تېكەس ناھىيەسىدىكى 65418048 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتتى، دائىم لاتارىيە سېتىۋالمايدىغان ئېركېن تۇيۇقسىز پونكىتتىن بىر نەچچە تال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن يىگىتن خىيال بىلەن پونكىتىغا كىردى، ئۇ ئالدى بىلەن بىر تال «قوش رەڭلىك توپ» غا دو تىكىپ، ئارقىدىن يەنە دىققىتىنى ھەممەيلەن ئويناۋاتقان قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىغا يۆتكىدى. ئېركىن دەسلەپكى بېلەت كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى « شېرىن چۈش ئەمەلگە ئاشتى» دېگەن تېمىدىكى ئىككى يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتىنى تاللىدى، ئۆز مەيلىچە سەككىز پارچە تاللاپ سېتىۋالدى، ۋە قىرىشقا باشلىدى، سەككىزىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىدىن 80000 يۈەن مۇكاپات چىقتى، ياش يىگىت ھەيران قالدى، ئۆز جايىدا ئولتۇرۇپلا قالغان ئىدى، بىر ئازدىن كېيىن ئېركىن ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، مۇكاپات چىققان لاتارىيە بىلىتىنى يانچۇقىغا سېلىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

ئېركىن ئۆيىدە ھاياجىنىنى بېسىۋېلىپ كەيپىياتىنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن، دادىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەخلەشتۈردى. ئېركىن مۇنداق دېدى: « راست گەپنى قىلسام، ئىلگىرى لاتارىيەنى ناھايىتى ئاز سېتىۋالاتتىم، بىر كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە 80 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، ھا ھا ھا.. شۇڭا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شۇ كۈنى شۇ پەيتتە، پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ، ھاياجىنىمنى باسالماي قالدىم.»-دېدى. (ئىلى ياڭخۇي)