قاراماي شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى ئوت مۇداپىئە بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى

ئەلكۈيى تورى
2022-03-03
来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتتىكى ساتقۇچىلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئوت مۇداپىئە ئاساسىي ساۋاتلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، 2 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى قاراماي شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى بارلىق ساتقۇچىلارنى ئوت مۇداپىئە بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللىدى. شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيىسى مەركىزى ۋە ھەر قايسى بېكەتلىرىنىڭ سېتىش خادىملىرى قاتارلىق 90 دىن ئارتۇق ئادەم بۇ قېتىمقى تەربىيىلەشكە قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى تەربىيىلەش نەزەرىيە چۈشەندۈرۈشى ۋە نەق مەيداندا مەشىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ـ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىسى لى چاۋنى تەكلىپ قىلىپ، تەربىيەلىنىشكە قاتناشقۇچىلارغا ئوت ئۆچۈرۈش ـ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى. لى مەشقاۋۇل PPT دەرسلىكىدە كۆرسىتىش، نەزەرىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش، دېلو مىسالىنى تەھلىل قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش فىلىمىنى كۆرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك تەھلىل قىلدى ھەمدە ئاسان يۈز بېرىدىغان ئوت ئاپىتى خەۋپى، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىدىغان جايدىكى تارقاقلىشىپ قېچىپ قۇتۇلۇشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار، كۆپ ئۇچرايدىغان ئوت ئۆچۈرگۈچلەرنى تۈرگە ئايرىش ۋە تەتبىقلاش قاتارلىق تەرەپلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

مەشقاۋۇل لى چاۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تەلىم – تەربىيە خادىملىرى نەق مەيداندا ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش مانىۋېرى ئۆتكۈزۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. نەق مەيداندا تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىر قىسىم پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتلىرىغا بېرىپ، مال ساتقۇچىلارغا ئوت ئۆچۈرگۈچ ئىشلىتىشنى قولمۇقول ئۆگىتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ھوشيارلىقنى ئۆستۈردى، كۆپچىلىكنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە نەق مەيداندا مانېۋىر قىلىش ئارقىلىق، بارلىق مال ساتقۇچىلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش ئېڭى كۈچەيتىلىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، لاتارىيەچىلەرگە بىخەتەر، راھەت، كۆڭۈللۈك بولغان لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىلدى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. (قاراماي جاڭچى)

كۆپ ئۇچرايدىغان ئوت ئۆچۈرگۈچنى تۈرگە ئايرىش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى

ئائىلىگە قارىتا سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش

نەق مەيداندا ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى خىزمەتچىلىرى لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ساتقۇچىلارنى ئوت ئۆچۈرگۈچنى توغرا ئىشلىتىش بويىچە تەربىيلىدى