لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى بىر خىل ئادەت ۋە بىر ھەۋەس

ئەلكۈيى تورى
2022-03-03
来源:ئەلكۈيى تورى

يېقىندا، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ فۇسەي شەھىرىدە خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى. 2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى كەچتە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى دىنار يولى سۇچىلىق ئىدارىسى بىناسىنىڭ ئاستىدىكى 65280213 پاراۋانلىق پونكىتىدا خۇش خەۋەر تارقالدى، بىر لاتارىيەچى «گۈلدەك ئېچىلغان جۇڭگو ئارزۇسى» لاتارىيە بىلەت تۈرىدە 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 50000 يۈەن بولدى، ئىككىنچى كۈنى سەھەردە، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات پۇلىنى نەقلەشتۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى جۇ ئەپەندى بۈگۈر ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتىنى سېتىۋېلىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، لېكىن ئۇ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتا ئىنتايىن ئاقىلانە بولۇپ، ھەر قېتىمدا پەقەت 20 يۈەن ئەتراپىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىكەن. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: « مەن پەقەت لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى بىر خىل ئادەت، بىر ھەۋەس دەپ بىلىپ، ئۈن ـ تىنسىز داۋاملاشتۇردۇم. مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىمىزدىن خۇشال بولىمىز، مۇكاپاتقا ئېرىشمىسەكمۇ مەيۈسلەنمەيمىز، باشتىن ـ ئاخىر تىنچ روھىي ھالەتنى ساقلىشىمىز كېرەك، بۇنداق گۈزەل كەيپىيات مۇكاپاتقا ئېرىشىش ـ ئېرىشمەسلىك سەۋەبىدىن تەۋرىنىپ قالمايدۇ، كەيپىياتىمىزنى تۇراقلاشتۇرساق، لاتارىيە ئويۇنى ئېلىپ كەلگەن چەكسىز خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلىنالايمىز»-دېدى. دەل مۇشۇنداق روھىي ھالەت جۇ ئەپەندىنى نۇرغۇن تەلەيگە ئېرىشتۈردى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شۇ كۈنى، جۇ ئەپەندى تاسادىپىي 65280213 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتتى، كونا لاتارىيەچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ پونكىتىغا كىرىپ كەلدى. بىراق ئۇ قول سېلىشقا ئالدىرىمىدى، ئالدى بىلەن بىر چەتتە باشقا لاتارىيەچىلەرنىڭ ئوينىشىغا قاراپ تۇردى، ئىككى لاتارىيەچى 20 پارچىدىن ئارتۇق «گۈلدەك ئېچىلغان جۇڭگو ئارزۇسى» بېلىتى سېتىۋېلىپ، كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ ۋاقىتتا، جۇ ئەپەندى كەسكىنلىك بىلەن قول سېلىپ، قالغان بەش پارچە «گۈلدەك ئېچىلغان جۇڭگو ئارزۇسى» نى سېتىۋالدى، لاتارىيە بىلىتىنى قىرىپ ئۈچىنچىسىگە كەلگەندە يۈرەك سوقۇشى تىز بۇلۇپ كەتتى، ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن لاتارىيە بىلىتىنى قىردى، مۇكاپات سوممىسى چىقتى، بۇ مۇكاپات سوممىسى «50000» ئىدى. بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن: ياپما پەردىنى قىرىپ ئېلىۋەتسە، ئەگەر ھەر قانداق مۇكاپات سوممىسى چىقسا، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، مۇكاپات سوممىسىغا قوشۇمچە مۇكاپات بېرىلىدۇ. شۇنچە كۆپ نۆللەرنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالغان جۇ ئەپەندى ئاخىرى 50 مىڭ يۈەنگە ئېرىشكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئۆيىگە ئۇچقاندەك قايتىپ بۇ خۇش خەۋەرنى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېيتتى.

جۇ ئەپەندى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىپ، خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى، بۇ قىزىقىش ۋە ياخشى ئادەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)