تەلەي ھەمىشە ئويلىمىغان يەردىن كېلىپ، بىزگە كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ئېلىپ كىلىدۇ

ئەلكۈيى تورى
2022-02-21
来源:ئەلكۈيى تورى

«چاغان» نىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. 1 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، يەكەن ناھىيەسىدىكى 6531801 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئاۋازى قايناپ كەتكەنىدى، پەقەت بىرسىنىڭ: «ۋاھ! مەن 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم-دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، ئاۋاز كەلگەن تەرەپتە ئۈچۆت نەپەر لاتارىيەچى بىر يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرغان بۇلۇپ، ئوتتۇرىدىكى بىر نەپەر لاتارىيەچى خۇشالۇرام ھالدا «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئويناۋاتقان بۇلۇپ، ۋاقىرغان ئاۋاز ئۇنىڭ ئاۋازى ئىدى.

بۇ تەلەيلىك لاتارىيەچىنى كىشىلەر « لاۋ لى» دەپ ئاتايدۇ، ئۇ 6531801 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى يېنىدىكى تاللا بازىرىنىڭ خوجايىنى. شۇ كۈنى، لاۋ لى تىجارىتى بوش بىكار بولغاچقا، بىر نەچچە تونۇش لاتارىيەچى دوستلىرى بىلەن 6531801 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالماقچى ۋە كىمنىڭ لاتارىيە ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى. لاۋ لىنىڭ تەلىي ھەقىقەتەن ياخشى بۇلۇپ، ئۇ «رېنيەنخۇ 壬寅虎» لاتارىيە بېلىتىدىن ئىككىنى سېتىۋالدى، بىرىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتى قىرغاندىن كىيىنلا 10000 يۈەن مۇكاپات چىقتى، شۇنىڭ بىلەن باشلىنىشتا دېيىلگەندەك مەنزىرە پەيدا بولدى.

مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، لاۋ لى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « ئەسلىدە تەلىيىمنى سىناپ باقماقچى ۋە خۇشال بولۇشنى ئويلىغانىدىم، تەلىيىمنىڭ بۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، ئون مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى! تەلەي ھەمىشە ئويلىمىغان يەردىن كېلىپ، بىزگە كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىكەن، بەلكىم بۇ لاتارىيە بېلىتىنىڭ سېھرىي كۈچى بولسا كېرەك!»-دېدى.