سانجى ئوبلاستىدىكى لاتارىيەچى ما ئەپەندى 3D ئويۇنىدا 15000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-02-16
来源:ئەلكۈيى تورى

سانجى ئوبلاستىدىكى لاتارىيەچى ما ئەپەندى 65230276 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى سادىق لاتارىيەچى بۇلۇپ، ئىشى يوق بىكار چاغلاردا دائىم پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتلىرىغا بېرىپ، باشقا لاتارىيەچىلەر بىلەن بىرلىكتە 3D ئويۇنلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە مۇھاكىمە قىلىدۇ، پات-پات سېزىمىگە ئاساسەن دو تىكىپ تەلەي سىناپ باقىدۇ، بەزىدە ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.

3D ئويۇنى شىنجاڭ رايونىدا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى باشلانغاندىن كېيىن، ما ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتلىرىغا تېخىمۇ كۆپ باردىغان بولدى، ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، 25 مىليون يۈەن مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى ھامان ئۇنىڭغا ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا مۇكاپات تارقىتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچقۇرۇن، ما ئەپەندى 65230276 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، نومۇرنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى بىر دەم ئەستايىدىل كۆزەتكەندىن كېيىن، ئۇ 15 لىك قىممىتىنى ۋە بەش ئاتلىمىلىق قىممەت دەپ قارىدى. كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، ما ئەپەندى ناھايىتى تېزلا «438» دېگەن نومۇرنى تاللاپ بېكىتتى، ئارقىدىن 120 يۈەن پارچە پۇلنى ئېلىپ، «438» دېگەن بۇ بىر دو نۇمۇرغا يەككە تاللاش بويىچە گۇرۇپپىلاپ 10 ھەسسە دو تىكتى.

شۇ كۈنى ما ئەپەندى باشقا نومۇرلارغا دو تىكمىدى، لاتارىيە بېلىتىگە دو تىكىپ بولغاندىن كېيىن، ما ئەپەندىم مال ساتقۇچى شياۋدېڭغا قىزىقچىلىق قىلىپ: « مېنىڭ تەلىيىم كەلدى، بۇ نومۇر بۈگۈن كەچتە چوقۇم چىقىدۇ»-دېدى. كەچتە مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، ما ئەپەندى مال ساتقۇچىنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى:«لاۋما، سىزنىڭ بۇ ئاغزىڭىز ھەقىقەتەن سىھىرلىك ئىكەن، سىزگە مۇكاپات چىقىپتۇ!!»-دېدى مال ساتقۇچى شياۋدېڭ، 3D ئويۇنى 2022017 ـ قارار مۇكاپات نومۇرى دەل «438» بولغان ئىدى! ما ئەپەندىنىڭ ئادەتتىكى مۇكاپات سوممىسى 10400 يۈەن بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىنجاڭ رايونىدا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى مەزگىلى بولغاچقا قۇشۇپ بېرىلگەن مۇكاپات سوممىسى 4600 يۈەن، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 15000 يۈەن بولغان ئىدى.

شۇ كۈنى كەچتە، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن ما ئەپەندى خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمۇلماي قالدى، ئۇ يەنە نەق مەيداندىكى ھەر بىر لاتارىيەچىگە 20 يۈەن قىزىل بولاق تارقىتىپ بېرىپ، كۆپچىلىك بۇ خۇشاللىقنى تەڭ بەھىرلەندى، كۆپچىلىكنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلدى. لاتارىيەچى دوستلار بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن تەبرىكلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭمۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشتى، پۈتكۈل پونكىت خۇشالللىق ۋە ئىناق كەيپىياتقا چۆمگەنىدى.

پاراۋانلىق لاتارىيە 65230276 پونكىتى سانجىدىكى نۇرغۇن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتلىرى ئىچىدىكى بىرى بولۇپ، سانجى شەھىرى ساغلاملىق شەرقىي يولى دەريا بويى ئولتۇراق رايونىنىڭ يېنىغا جايلاشقان، پاراۋانلىق لاتارىيەسى ساتقۇچى شياۋدېڭنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغان، بۇ ئىككى يىلدا، ئۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ سەمىمىي تىجارەت قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەزەلدىن بوشاڭلىق قىلمىدى. شياۋدېڭ مۇنداق دېدى:«مېنىڭ پونكىتىم گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان مۇكاپات ئۈزۈلمىدى، يېقىنقى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات چىقتى. ھەر قېتىم كونا لاتارىيەچىلەرنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش كەچۈرمىشى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى كەيپىياتىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى ھاياجانلىنىمەن، خۇددى ئۆزۈم مۇكاپاتقا ئېرىشكەندەك، ئۇلار ئۈچۈن چىن كۆڭلىمدىن خۇشال بولىمەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ لاتارىيە ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى!»-دېدى.