يېىڭى يىلدا پاراۋانلىق لاتارىيەدىكى يارقىن نۇقتا

ئەلكۈيى تورى
2022-02-16
来源:ئەلكۈيى تورى


كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدۇق، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پاراۋانلىق لاتارىيەسى بېلەت سېتىش كۆرگەزمە ئىشكاپى «توپ شەكلىدىكى» سېتىش نۇقتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق سودا سارىيىغا رەسمىي ماكانلاشتى.

تۇنجى «توپلىشىش شەكلى» دىكى سېتىش نۇقتىسى چاڭچۈن يولى دوستلۇق سودا سارىيى مەززىلىك تائاملار مەيدانىنىڭ 4 ـ قەۋىتىگە جايلاشقان بولۇپ، 2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرىلگەن، ئالتە سېتىش كۆرگەزمە ئىشكاپى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سېتىش كۆرگەزمە ئىشكاپى ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى 3-ئەۋلاد ئاپتوماتىك سېتىش ماشىنىسى بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆركەم، ئورگانىزم سىرتقى يۈزىدە پاراۋانلىق لاتارىيەسى كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ۋە مەدەنىيىتى نامايان قىلىنغان بولۇپ، كىلاسسىك «پاراۋانلىق لاتارىيەسى قىزىلى» نىڭ ئۇسلۇبى بىلەن ئۆزئارا ماسلاشقان، قارىماققا ئومۇمىي شەكلى ئاددىي ھەم مودا تۇيغۇسى يوقاتمىغان ھالاتتە كۆرۈنىدۇ.

كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شياۋخۇارېن 小黄人»ەنى تالون كېسىپ سېتىش كۆرگەزمە ئىشكاپى) نى يالغۇز قالدۇرماي، ھازىر كوللېكتىپ مۇلازىمەت قىلىش يولغا قۇيۇلدى. «توپ شەكلىدىكى» سېتىش نۇقتىسى تىجارەت باشلىغان كۈنى نۇرغۇن خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى، كۆپچىلىك بەسەستە ئالدىغا بېرىپ سىناپ باقتى ھەم بۇنىڭدىن كېيىن پاراۋانلىق لاتارىيە بىلىتىنى سېتىۋېلىشنىڭ تېخىمۇ قولايلىق بۇلغانلىقىنى بىلدۈردى، سودا سارايلاردىن مال سېتىۋېلىپ ئارام ئېلىش بىلەن بىللە، يەنە پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىپ، كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققىلى بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىر ئايدىن كۆپرەك سىناق قىلىپ سېتىش ئارقىلىق، «توپ شەكلىدىكى» سېتىش نۇقتىسى پاراۋانلىق لاتارىيەسى تەسىس قىلىنغان سېتىش نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش بازىسىغا ئايلىنىپ، سودا دەرىجىدىن تاشقىرى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، لاتارىيە سېتىۋېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىدە «ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىملەرنى قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» تىن ئىبارەت تارقىتىش ئاساسىي مەقسىتى ۋە «كۆپچىلىك پاراۋانلىقى، خەير-ساخاۋەت، ساغلاملىق، خۇشاللىق، يېڭىلىق يارىتىش» تىن ئىبارەت مەدەنىيەت مەزمۇنىنى تارقىتىپ، خېرىدارلارغا ئۆزگىچە سېتىۋېلىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىش بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

   

 

2022 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، ئىككىنچى «توپ شەكلىدىكى» سېتىش نۇقتىسى ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق يولىدىكى دوستلۇق سودا سارىيىغا كىرىپ، دوستلۇق تاللا بازىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشتى، كىرىش بىلەنلا رەتلىك تىزىلغان ئالتە سېتىش كۆرگەزمە ئىشكاپىنى كۆرگىلى بولاتتى.

تاللا بازىرىدىن ئەمدىلا مال سېتىۋېلىپ چىققان جاڭ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇدۇل سېتىش كۆرگەزمە ئىشكاپىغا قاراپ ماڭدى، جاڭ ئەپەندى قىممىتى 20 يۈەنلىك ئىككى «چېمپىيون بولۇش夺冠» لاتارىيە بىلىتىنى تاللاپ قىرىشقا باشلىدى، ھەر ئىككىلى لاتارىيە بىلىتىدە مۇكاپات چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە باشقا بېلەتلەرنى تاللاپ داۋاملىق ئوينىدى، جاڭ ئەپەندى ناھايىتى خۇشاللىق بولدى!


ئۇزاق ئۆتمەي ئۈچىنچى «توپ شەكلىدىكى» سېتىش نۇقتىسى ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرىدى، ئارقىدىنلا تۆتىنچى، بەشىنچى، ئالتىنچى... «توپ شەكلىدىكى» سېتىش نۇقتىسى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك، تىيەنشەننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يىلتىز تارتىپ، كۆپچىلىك پاراۋانلىقىنى قىزغىن سۆيىدىغان سىز ۋە باشقىلارغا قولايلىق يارىتىدۇ.