غۇلجا شەھىرىدىكى لاتارىيەچى ۋاڭ خانىم كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-02-15
来源:ئەلكۈيى تورى

يېقىندا، غۇلجا شەھىرىدىكى ۋاڭ خانىم ھەر كۈنى خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى، ئۇچرىغانلا ئادەمگە پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ياخشىلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بىز بىرلىكتە كۈرۈپ باقايلى، ۋاڭ خانىم پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئەزەلدىن لاتارىيە بېلىتىگە چېقىلمايتتى، خىزمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن كۆپچىلىك پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلگەچكە، تاسادىپىي بىر قېتىملىق پۇرسەتتە بىر پارچە ماتېرىيال تېپىش ئۈچۈن، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ كۆپچىلىك پاراۋانلىق فوندى توپلاش، پۇقرالارغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كۆپچىلىك پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشقا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان.

ۋاڭ خانىم سانغا ئانچە سەزگۈر ئەمەس، شۇڭا ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنىدىكى ئاسان بېلەت ئالىدىغان ئويۇننى تاللاپ، پات-پات مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر نەچچە پارچە بېلەت سېتىۋالاتتى. يېقىندا ۋاڭ خانىم لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئون مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، شۇڭا قىزغىن ۋاڭ خانىم پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلغان ئىدى!

1 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ھاۋا ناھايىتى ئىللىق ئىدى، ۋاڭ خانىم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تەيدى ئىتىنى يېتىلەپ كوچىغا چىقىپ سەيلە قىلدى، دەل غۇلجا شەھىرىنىڭ 65410130 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، نەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ، بۇ يەرگە كىرىپ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالماقچى بولدى. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن يېڭى بېلەت تۈرى «رېنيىنخۇ 壬寅虎 20 يۈەن» ۋە «رېنيىنخۇ 壬寅虎 50 يۈەن» نىڭ چوڭ تىپتىكى مۇكاپات تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى، 50 يۈەنلىك قىممىتى بىر ئاز يۇقىرى بولغاچقا، ۋاڭ خانىم 20 يۈەنلىك «رېنيىنخۇ 壬寅虎» نى تاللىدى، شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ خانىم لاتارىيە بىلىتىنى قىرىپلا ئون مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئەتراپتىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ھەۋەس قىلىشىغا ئېرىشتى.

مۇكاپات ئالغان ۋاڭ ئانا خۇشال ھالدا: «ـــ بۇ مۇكاپات كىچىك ئەمەس! لاتارىيە سېتىۋالغاندىن بۇيان 1000 يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات ئېلىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، چاغان كېلەي دەپ قالدى، لاتارىيە ماڭا مۇشۇنداق مەردلىك بىلەن بىر چوڭ قىزىل بولاق بەردى، بۇ پۇللارنى نەۋرەمنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا ئىشلىتىمەن، شۇنداقلا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىمەن، ھا ھا ھا!»-دېدى.