سانجىدىكى لاتارىيەچى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-02-14
来源:ئەلكۈيى تورى

«چاغان كېلەي دەپ قالدى، بۇنداق چوڭ تەلەيگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ». 2022 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، سانجىدىكى بىر ئەر سىرتقا ئىش بېجىرگىلى چىقىپ ئىناق ئەتىرگۈل باغچىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى 65230171 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتىپ كىتىۋېتىپ پونكىت ئىچىگە كىرىپ كەلدى، ۋە بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى،ئويلىمىغان يەردىن «رېنيىنخۇ 壬寅虎 20 يۈەن» نىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 800000 يۈەن بولدى. ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن ئىختىيارسىز ھاياجانلىنىپ كەتتى.

ئەتىسى، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ كاتتا مۇكاپاتتىكى تەلەيلىك كىشىنى كۆردى. ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەلەيلىك بالىنىڭ فامىلىسى ۋۇ بولۇپ، بىر لاتارىيە مەستانىسى ئىكەن، بوش ۋاقتى بولسىلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ، بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ تۇرمۇشىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىدىكەن. مۇكاپات ئالغاندا، ۋۇ ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى:«1- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىناق ئەتىرگۈل باغچىسىنىڭ ئالدىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، پونكىت ئىچىگە كىرىپ بىر بوتۇلكا سۇ سېتىۋالماقچى بولغان ئىدىم، بىراق پونكىتتىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ لاتارىيە قىزغىن لاتارىيە ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇنىڭ بىلەن مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بەش تال «رېنيىنخۇ 壬寅虎 20 يۈەن» دېگەن بېلەت تۈرىنى تاللاپ چىقتىم. نەتىجىدە بۇ بەش پارچە لاتارىيە بىلىتىدە 90 يۈەن مۇكاپات چىقتى. شۇنىڭ بىلەن يەنە بۇ 90 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا يەنە بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدىم، ئويلىمىغان يەردىن بىرىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىنى قىرىپلا كاتتا مۇكاپات چىقتى، بەك ھاياجانلاندىم!»-دېدى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋۇ ئەپەندى قاتتىق ھاياجانلاندى، خۇشال ھالدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«تۇنجى قېتىم بۇنچە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىمدىن ھاياجانلىنىپ يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالدى، بۇ يىللىق چاغانلىق سوۋغات تەييار بولدى. نۆۋەتتە بۇ مۇكاپات پۇلىنى قانداق ئىشلىتىشنى تېخى ئويلىشىپ بولالمىدىم، مۇكاپات پۇلى قولغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆيدىكىلەر بىلەن ئىنچىكە مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن قارار قىلايلى، كېيىن يەنە داۋاملىق "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىمەن، بۇ قېتىمقى ئامەتنىڭ داۋاملىق داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، قايتىپ بېرىپ پائالىيەت بېلىتى "رېنيىنخۇ 壬寅虎 50 يۈەن" نى سىناپ باقىمەن، ئامەتنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

ۋۇ ئەپەندى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئۇنىڭ ئامىتىگە تېخىمۇ ھەۋەس قىلدىمۇ؟ ئەمەلىيەتتە تەھرىرنىڭ قارىشىچە، ھەۋەس قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى سىزمۇ شۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيسىز، قېنى سىزمۇ   بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!