ياۋروپا چېمپىيونلۇق ھەل قىلغۇچ سانت پېتىربۇرگدا ئۆتكۈزۈلمەيدۇ

ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى
2022-02-24
来源:دوڭچىيۇدى تورى


«ESPN» قاتارلىق كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەسلىدە رۇسىيەنىڭ سانت پېتىربۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بۇ پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ باشقا شەھەرلەرگە ئالماشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، كونكرېت ئىشلار ئەتىدىكى يىغىندا ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت 10:00دا (بېيجىڭ ۋاقتى 17:00) ئىجرائىيە كومىتېتىنى چاقىرىپ ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ، ۋەزىيەتنى باھالايدۇ ھەمدە بارلىق زۆرۈر بولغان قارارلارنى چىقىرىدۇ.» بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قارار چىقىرىپ، سانت پېتىربۇرگنىڭ بۇ پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بىكار قىلغان. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان جايلارنى باھالاۋاتقان بولۇپ، رىم، ميۇنخېن، پارىژ، ئامىستېردام ۋە بارسېلونا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئويلىشىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئورۇنلار ئىكەن.