ئامەتلىك لاتارىيەچى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىدا 150000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-02-10
来源:ئەلكۈيى تورى

1 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، غۇلجا شەھەرلىك 65410255 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، 23 ياشلىق بىر يىگىت ئون يۈەن «خۇاجىنشيۇ 花锦秀» لاتارىيە بىلىتىدە 150000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. يېقىندا، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچ ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيىسى مەركىزىگە بېرىپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان بۇ مۇكاپاتنى ئالدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن جەريان تىلغان ئېلىنغاندا، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى شياۋلۈ مۇنداق دېدى: «شۇ كۈنى، مەن ئىشتىن چۈشۈپ غۇلجا شەھىرىدىكى 65410255 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتۈپ تەلىيىمنى سىناپ باقماقچى بولدۇم، ۋە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىردىم، كۆرگەزمە ئىشكاپىدىن 10 يۈەنلىك «خۇاجىنشيۇ 花锦秀» بېلەتتىن بىرنى ئېلىپ قىرىشقا باشلىدىم، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 150 مىڭ يۈەن ئويلىمىغان يەردىن كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى، قايتا-قايتا جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ھەقىقەتەن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمگە ئىشەندىمم، ئەينى چاغدىكى ھاياجانلىق كەيپىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ، مەن پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ تۇيۇقسىز ماڭا بەرگەن بۇ قىزىل بولاقىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم! ھا، ھا، ھا! »-دېدى.

شياۋلۈ ئۆزىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى «يېڭى ماھىر» ئىكەنلىكىنى، ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، يەنى ئېچىپلا نەقلەشتۈرىگىلى بۇلىدىغان «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىلىنىلا سىناپ باققانلىقىنى، بەزىدە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتكەندە بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشتە، شياۋلۈ بۇنى تەلەي دەپ قارىغان، ئۇ ئىلگىرى توردا مۇكاپات چىققانلىقى توغرىسىدىكى بەزى خەۋەرلەرنى كۆرگەن، ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم ئۆزىمۇ باشقىلارنىڭ ئاغزىدىكى تەلەيلىك كىشى بولۇپ قالغان.

مۇكاپاتنى قانداق ئىشلىتىش پىلانى تىلغا ئېلىنغاندا، شياۋلۈ ئاتا-ئانىسىغا ھەممىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆپ يىللىق جاپالىق ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە كېيىن چوقۇم پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ كۆپ خىل ئويناش ئۇسۇلى بىلەن ئاستا-ئاستا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى، ئەمما ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئەقلىي لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئىكەنلىكىنى، بىر مەھەللىك ئامەت سەۋەبىدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىكار چاغلاردا، تەھرىرمۇ بىر نەچچە پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتۋېلىپ تەلەي سىناپ باقىدۇ.سورىمسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، بۇ ناھايىتى خۇشاللىققا تولغان ئىش! ئەمدى باشقىلارغا ھەۋەس قىلماڭ، تېز پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ ياخشى كۆرىدىغان لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، يېڭى يىلىڭىزدىكى يېڭى خۇشاللىقنى ئىزدەڭ، بەلكىم « چوڭ قىزىل بولاق» سىزنىڭ بولۇشى مۇمكىن!